ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مېھمان پاراسەت ئاگاھلاندۇرۇپ مونداق دېدى:ئامېرىكا پات ئارىدا پارس قولتۇقىدا باشلامچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىر رايون مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ، تېھرانمۇ بۇ ھەربىي مانېۋىرغا ناھايتتى كۆڭۈل بۆلىدۇ.مېھمان پاراسەت بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىر بىر «ئىنتايىن سەزگۈر ھادىسە»، بولۇپمۇ ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئارىسىدىكى جىددى موناسىۋەتنى نەزەردە تۇتقان دېدى.
بۇ قېتىمقى مانېۋىرنىڭ مەزمونى مىنا تازىلاش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئىراننىڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا قايتۇرغان بىۋاستە جاۋابتۇر، شۇ ۋاقىتتا ئىران غەربنىڭ قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىدىن قىساس ئېلىش ئۈچۈن، ھورمۇس بوغۇزىنى قامال قىلىدىغانلىقىنى جار سالغانىدى.
[ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگنېتلىقى دۇبەي 13-سېنتەبىر تېلېگراممىسى]ئامېرىكا ۋە باشقا 20نەچچە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تارىختىن بويانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق كۆرمەكتە، مانېۋىرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سۇ مىناسىنىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىران بۇنىڭغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېلەركى ھەپتە باشلىنىدىغان مانېۋىر پارس ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى ئەڭ يېڭى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بۇ قېتىمقى سۇ مىناسىغا قارشى مانېۋىرنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغانلىقىنى، ھەم شۇنداقلا ئىراننىڭ ھورمۇس بوغۇزىنى قامال قىلىشىغا قايتۇرغان جاۋاب ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئەمما مانېۋىر بەلكىم دۇنيا مىقياسىدا تېھرانغا قارىتىلغان خىرىس دەپ قارىلىشى مۇمكىن. ئىران نۇرغۇنلىغان سۇ مىناسىغا ئىگە بولۇپ، سۇ ترانسىپورتىنى قالايمىغان قىلىپ، نېفىت باھاسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ھەر قانداق بىر ئوران قويۇلدۇرۇش ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇمغا جاۋاب قايتۇرىدۇ.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە 5-فلوتىنىڭ باياناتچىسى گرىگ رېلسون «بۇ بۇ رايون ئىتتىپاقداش مۇداپىئە قىسمى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان نۇرغۇن ھەربىي ئىشلار ھەرىكىتىنىڭ بىرسى»دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى:«خەلقئارا سۇ يۇلىنىڭ يول يۈرۈش ئەركىنلىكى خەلقئارا جەمئىيەت ھەمدە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم».
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە ۋە ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ موناسىۋىتى جىددى بولۇشىدىن قەتئينەزەر، ئۆزىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىتانىياخۇ ۋاشىنگتوننىڭ قانداش شەرت ئاستىدا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە باشلامچىلىق بىلەن ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما بۇ تەلەپ ئامېرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى ياساشقا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇردى.
نىتانىياخۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنى «قىزىل سىزىق»بەلگىلەشكە مۇراجىئەت قىلىشىنى توختاتمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئىقتىسادى جازاسى بۇ دۆلەتنىڭ خام نېفىت ئىكىسپورت كىرىمىنى ئازايتىۋەتتى دېدى.