ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيىنى قاتتىق سۆكتى

0 2012-09-29 11:07:02   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد ب د ت يىغىنىدا: ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھۇجۇم تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ، دېدى.
ب د ت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، نىجاد 26-سىنتەبىر بۇ يىغىندا 8- قېتىم سۆز قىلدى، بۇ ھەم ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ب د ت يىغىنىدا ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلىشى بولىدۇ.
ئۇ بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئىسرائىلىيە ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەسىگە ھەربىي زەربە بېرىمىز، دەپ تەھدىت سالغانىدى.
نىجاد: چوڭ دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ يادرو قورالى ۋە باشقا كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ،دېدى. ئۇ: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز، دېيىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دېدى.
نىجاد يەنە ب د ت دا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۇرغۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
   ئىران ھازىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى. نىجاد: باراۋەرسىزلىك ۋە بەزى سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى كەمسىتىشى ئىقتىسادغا ئېغىر تەسىر كۆرسۈتۈپ، توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈركتكە بولىۋاتىدۇ، دېدى.
   نىجاد بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنىغا ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى سالاھىيىتىدە ئاخىرقى قېتىم قاتنىشىدىغانلىقىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان نۇقتىدا ئېغىربېسىقلىق بىلەن ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى مۇنداق دەپ ئاقلىدى: غەرپ ئىسرائىلىيە بىلەن بەزى كۈچلۈك غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ قورال ئىسكىلاتىغا باشقىچە ئۆلچەمدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
قوش ئۆلچەم تىلغا ئېلىنغاندا، نىجاد ھىچقانداق بىر دۆلەتنى تىلغا ئالمىدى، شۇنداقلا ئىراندا ئېلىپ بېرىلغان يادرو ئەسلىھەسىنى تەكشۈرۈشكە دائىر تەپسىلاتنىمۇ تىلغا ئالمىدى. ئۇ:«مىڭلىغان ئونمىڭلىغان ئاتوم بومبىسىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىشكە سالاھىيىتى توشمايدۇ»،دېدى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 25-سىنتەبىر ب د ت يىغىنىدا : ئىراننىڭ يادرو بومبىسىغا ئېرىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، «قوللىنىش زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرنى قوللىنىمىز»،دېدى، لېكىن ، ئامېرىكا دەل يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت . تېخىمۇ مەسخىرىلىك بولغىنى شۇكى، ئىرانغا دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتقان ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ئىنكار قىلىپ باقمىدى، ئۇلار «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»غا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىپ كەلدى، شۇنداقلا خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
  ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپ مەۋجۈت بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھىچقايسى بىر رەھبىرى ئىراننى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايمىز ، دېمىگەنىدى، پەقەت نىجاد ئىسرائىلىيە توغرىسىدا مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلدى.
   ئامېرىكا« خىرىستىئان ئىلمىي رىسالىسى گېزىتى»تور بېكىتىنىڭ 28-سىنتەبىر خەۋىرى] ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت تەھدىتى يېقىنلىشىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىران زۇڭتۇڭ نىجاد ھازىرقى ۋەزىيەتنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ، ئەكسىچە چوڭ دۆلەتلەر كونتورل قىلمىغان «دۇنيا يېڭى تەرتىپى»نى تۇرغۇزۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان بۇ رەھبەر سۆز قىلغاندا : دۇنيا تارتىۋاتقان ئازاپ-ئوقۇربەتنى ب د ت دا بۇيرۇق چۈشۈرۈنىلا بىلىدىغان «تەككەببۇر»چوڭ دۆلەتلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى ھەم تەرەققىي قىلىۋاتقان 120نەچچە دۆلەتتىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ دۇنيا تەرتىپىنى باشقۇرۇدىغان تېخىمۇ ياخشى ئەندىزە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدى.
«دۇنيا يېڭى تەرتىپى»دىن ئىبارەت بۇ باش تېما نىجاد دائىم تىلغا ئالىدىغان تېما بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى ب د ت يىغىنىدا ئۇ بۇ تېمىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ:«ئاز سانلىق ھۆكۈمران ۋە ئۇنىڭ ئېكىسپولاتاتسىيە خاراكتىرىنى ئالغان خەلقئارا تەرتىپىدىكى تەككەببۇرلىقى ۋە زومىگەرلىكى» مەۋجۈت بولمىسا، «مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار ۋە ھىندى مۆرىتلىرى»شۇنداقلا باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى تىنىچ ئورتاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرالايدۇ، دېدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博