قىشتا تىراكتور بىلەن يۈك توشىغاندا يول تېيىلغاق بولغاچقا، چاق ئاسانلا تېيىلىپ، ھادىسە كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك:
1.سۈرئەتنى تىزگىنلەش كېرەك. قىش پەسلىدە تىراكتورنى بەك تېز ھەيدىمەسلىك، نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسماسلىق كېرەك. دۆڭدىن خالاستايدا چۈشمەي، ماتورنىڭ تورمۇز رولىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.
2. يانغا تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. قار - مۇزلۇق يولدا تىراكتور ھەيدىگەندە ئالدىدىكى چاق ئىزىدىن مېڭىش، رولنى تېز بۇرىماسلىق، تېز تورمۇز قىلماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاسانلا يانغا تېيىلىپ ۋەقە كۆرۈلىدۇ.
3. چاق تېيىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قىش پەسلىدە تىراكتور ھەيدىگەندە تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چاققا تېيىلىشتىن ساقلاش زەنجىرىنى باغلاش كېرەك.
4. تىراكتور قار - مۇزغا پېتىپ قالغاندا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار تەل بولۇشى كېرەك. قىش پەسلىدە تىراكتور ھەيدىگەندە ئۈچ بۇرجەك ياغاچ، گۈرجەك قاتارلىق سايمانلارنى سېلىۋېلىش كېرەك. تىراكتور قار - مۇزغا پېتىپ قالغاندا چاقنىڭ ئالدىنى كولاپ تۈزلەپ چىقىرىش، مۇفتىنى تېز قويىۋەتمەسلىك كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ