تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋىتامىن B2 ۋە ۋىتامىن E ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. ۋىتامىن B2 نىلا تولۇقلىسا، ئادەمنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش تېمپېراتۇرىسىنى2-3تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن B2 ۋە ۋىتامىن E تولۇقلىسا، سوغۇقتىن بولىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
ۋىتامىن E ئارپا ئۈندۈرمىسى يېغى، چىگىت يېغى، قوناق يېغى، خاسىڭ يېغى، كۈنجۈت يېغى، كاھۇ )ئۇسۇڭ( يوپۇرمىقى، ئاپېلسىن پوستى ۋە بارلىق يېشىل كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە ئىنتايىن مول ئىكەن. سۈت، تۇخۇم ۋە بېلىق يېغى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىمۇ بەلگىلىك مىقداردا بار ئىكەن. بۇلاردىن باشقا، يەنە كالا - قوي گۆشى ۋە بېلىق تۈرىدىكىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ بار ئىكەن.
سۈت ياسالمىلىرى ۋىتامىن B2 نىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ، ئېرىمچىك بىلەن قېتىقنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B2 نىڭ مىقدارى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن. سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى تېنىگە ياقمايدىغانلار تۇخۇم، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى، قۇش تۈرىدىكىلەر، ساپ بۇغداي ئۇنىدىن ياسالغان بولكا ۋە دانلىق زىرائەت يېمەكلىكلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ