بىر ئادەمنىڭ سەھەردىكى ھەرىكەتلىرىدىن شۇ كىشىنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىنى بىلگىلى بولىدۇ.
1. ئۇيقۇدىن ئويغىنىپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدىغانلار ئۈمىدۋار بولىدۇ. ھەرقانداق ئىشنى ئىشەنچ بىلەن قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا ئاقىۋىتىنى ئويلايدۇ؛ ئالاقىلىشىشقا ماھىر ھەم ئامما ئارىسىدا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بىر ياقىدىن باش چىقارغاندا ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يەڭگىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
2.باشقىلار ئورنىدىن تۇرسا تۇرىدىغان، كۆپچىلىككە ئەگىشىپ ئىش قىلىدىغانلار پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلمايدۇ. ئىشلىرىنى تېز ھەل قىلىدۇ ھەم ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. بۇنداق تىپتىكى ئادەملەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
3. ئويغىنىپ بولۇپ تۇرغۇسى كەلمەيدىغانلار كەلگۈسى توغرىلىق بىرەر پىلانى بولمىغان، بارىغا شۈكرى قىلىدىغان، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېرغا ئىگە.
4. سەھەر ئويغىنىپ بولغان تۇرۇقلۇق، يەنە بىرئاز ئۇخلىۋېلىشنى، بىرئاز كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇشنى ئويلايدىغانلار ئىش قىلىشتا پاسسىپ بولىدۇ. تۇرمۇشتىن راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تېلېۋىزور ۋە ئېسىل يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشى نەرسە، دەپ قارايدۇ.
5. سەھەردە باشقىلارنىڭ ئاۋارە قىلىشىنى خالىمايدىغان، ئالدى بىلەن بىخارامان ئولتۇرۇپ بىرەر ئىستاكان قەھۋە ياكى چاي ئىچىشنى ئويلايدىغانلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەم ئۆزىنى ئاسرىيالايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
6.سەھەردە ئالدىراپ - تېنەيدىغان ھەم ئەتىگەنلىك تامىقىنىمۇ يېمەيدىغانلار جۈرئەتلىك كېلىدۇ.
7.ئورنىدىن تۇرۇپلا دەرھال ھەرىكەتلىنىپ كېتىدىغانلار تەلەپچان كېلىدۇ، داۋاملىق ئالغا ئىنتىلىدۇ، قىلغان ئىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ