بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش ھەرىكەتلىرى

0 2012-10-09 11:03:25   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     1. بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئۇۋۇلاش ھەرىكىتى   ئىككى قولنىڭ بەش بارمىقىنى جۈپلەپ، بويۇننىڭ ئارقىسىغا قويۇپ، باشنى ساڭگىلىتىپ، ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرا بارمىقىنى ئومۇرتقىنىڭ تومپىيىپ چىققان جايىغا قويۇش، قالغان بارماقلارنى ئاستى - ئۈستىدىكى ئويمان جايغا قويۇپ، باشنى تۆۋەن سېلىش ۋە كۆتۈرۈش ھەرىكىتىنى 7 قېتىم تەكرارلاش، ئوتتۇرا بارماقنى ئاساس قىلىپ 7 - ئومۇرتقا ئاستىدىن ئۈستىگە بېسىش.
     2.باشنى تۇتۇپ ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى    ئىككى قول بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ باشنىڭ كەينىگە قويۇپ، باشنى ساڭگىلىتىپ سولغا بۇراش. بۇ چاغدا سول جەينەكنى مىدىرلاتماي، ئوڭ جەينەكنى ئىچىگە ئېگىپ سول جەينەككە يېقىنلاشتۇرۇش، بىرئاز توختىغاندىن كېيىن ئەسلىگە قايتىش. بۇ ھەرىكەتنى قارشى يۆنۈلۈشتە ئوخشاش ئىشلەش ھەمدە كۈنىگە 3-4 قېتىم تەكرارلاش.
     3. مۈرىگە مۇشلاش ھەرىكىتى   مۇشتىنى تۈگۈپ، مۈرە پەللىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى يېنىك ئۇرۇشنى 1-2 مىنۇتقىچە داۋاملاشتۇرۇش.
    4. باشنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى   ئىككى قول بىلەن بەلنى تۇتۇپ، باشنى ساڭگىلىتىپ، ئېڭەكنى كۆكرەككە چاپلاپ، مۈرە ۋە جەينەكنى ئىچىگە ئېگىش. باشنى كەينىگە ئېگىش بىلەن بىللە كۆكرەكنى كېرىپ، ئىككى مۈرە ۋە جەينەكنى ئېچىش. ئاندىن باشنى سولدىن ئوڭغا ئايلامدۇرۇش، ئاندىن كېيىن قارشى يۆنىلىشتە يەنە بىر قېتىم ئايلاندۇرۇش.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر