ئۆتنى ئالدۇرىۋەتكەندىن كېيىن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

0 2012-10-09 11:01:45   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۆتنى ئالدۇرىۋەتكەنلەرنىڭ تەخمىنەن %20 ىدە ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا ئۆتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەككەن.
      ئۆتىنى ئالدۇرىۋەتسە بەدەننىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنى يىغىپ ساقلاپ، تاماق يېگەندىن كېيىن ماس قەدەمدە چىقىرىش ئىقتىدارى يوقىلىدىغان بولغاچقا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ھەر ۋاقىت 12 بارماق ئۈچەيگە كىرىپ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينى رېفلېكسلىق غىدىقلاپ، ئاجرىلىپ چىقىدىغان ئاشقازان كىسلاتاسىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ھەزىم قىلىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا ئۆتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەر ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىشى، تويۇپ كەتمەسلىكى، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم قورساق بىلەن ئىككى بېقىنىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەتۈر ئېقىپ ئاشقازانغا كىرىپ، يېنىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنى پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
      ئۆت ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن ئۆت يولىدىكى پۈرمە مۇسكۇلنىڭ ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، سازاڭسىمان مەددە قۇرت ۋە زەنجىۋىلسىمان قۇرت قاتارلىقلارنىڭ ئۆت يولىغا كىرىپ، قايتا تاش پەيدا بولۇش ياكى باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەر يېمەك - ئىچمەك تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پارازىت قۇرت يوقىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
      ئۆتىنى ئالدۇرىۋەتكەنلەر ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، خولېستېرىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇپ، ھايۋانات ئىچكى ئەزالىرى، تۇخۇم سېرىقى، راك، سېرىق ماي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىپ، قېتىق، قارا تىكەن (دېڭىز ئادەمگىياھى) قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى، مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاۋۇزنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا، جىگەر ۋە ئۆت يولىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاپ، تاش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر