شىنخۇا تورىنىڭ 10-ئاينىڭ6-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ 6-چىسلا ئىيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيسى شۇ كۈنى جەنۇپ تەرەپتىكى بىر قۇملۇق رايونىغا كىرگەن بىر ئادەمسىز ئايرۇپىلاننى ئىتىپ چۈشۈردى.
ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپنىڭ باياناتچىسى رونى مۇنداق دىدى: بۇ ئادەمسىز ئايرۇپىلان ئاپتۇماتىك تەڭشەلگەن بولۇپ، غەرپتىن تەرەپتىن شەرققە ئۇچقان، ئوتتۇرا دىڭىزدىن ئۇچۇپ كىلىپ گازا رايونى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە دائىرىىسگە كىرگەن. بۇ ئادەمسىز ئايرۇپىلاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيسى ئىككى پۈركىگۈچى ئايرۇپىلاننى توسۇشقا ئەۋەتكەن، ئادەمسىز ئايرۇپىلان نېگېۋ قۇملۇقىنىڭ شىمالى قىسمىغا كەلگەندا ، يات ئورمان رايونىغا ئىتپ چۈشۈرۈلگەن. نۆۋەتتە ھاۋا ئارمىيسى بۇ ئورمانلىقتىن ئايرۇپىلان قالدۇقلىرىنى ئىزدەپ تىپىپ، ئۇنىڭغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە تەھلىل قىلىش ئىلىپ بارماقتا.
باياناتچىنىڭ ئىيتىشىچە، نۆۋەتتە بۇ ئادەمسىز ئايرۇپىلاننىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، ئىسرائىلىيە دائىرسىگە كىرىشتكى مەخسىتى ئىنىق ئەمەس. ئۇ مۇنداق دىدى: ھەربىي تەرەپ گەرچە بۇ ئادەمسىز ئايرۇپىلاننىڭ گازادىكى قۇراللىق قىسىم ئەۋەتىلگەن دىگەن كۆز قاراشنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمىسىمۇ، لىكىن بۇ خىل ئىھتىماللىق ئىنتايىن كىچىك. ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئادەمسىز ئايرۇپىلاندا ھىچقانداق پارتىلاتقۇچ دورىلار يوق، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرشتىكى مەخسىدى ھەربىي مەلۇماتلارنى ئىگەللەش بولىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىيسىنىڭ باشلىقى باراك شۇكۈنى مۇنداق دىدى: بۇ ئادەمسىزئايرۇپىلاننىڭ كىرشىگە نىسبەتەن تىز ھەم ئۈنۈملۈك توسۇش ئىلىپ بىرىش باشقىلارغا زىيان سىلىنمىغان ئاساستا غەلبىلىك ئىلىپ بىرىلدى.
ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىيتىشىچە، ئۆتكەن 10 يىلىدىن بىرى ئادەمسىز ئايرۇپىلاننىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىسىگە كىرىش ۋەقەسى 3 قىتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەلەردىكى ھەر بىر ئايرۇپىلان غەلبىلىك ئىتىپ چۈشۈرۈلدى.
‹قاتىللىق قۇرالى›AK47 مىلتىقى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ دۇنيا...
ئەنگلىيەدىكى ئوغرى مۈشۈك خوشنىسىنىڭ كىيىملىرىنى ئوغرىلايد...
مۈشۈكياپىلاق بالىلىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشى ئۈچۈن قۇچاقلىش...
جۇڭگو دۆلەت كارخانىسى خەلقىئارا مىلان كۇلۇبىغا پايچەك بولم...
ئەنگىلىيەدە يول يۈزىنى سۇ بېسىپ كەتكەنلىكتىن بىر ئەر دولقۇن...
ئايال ئىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ 6 يىلدا ئۈزىنىڭ 5 ب...
پاكسىتاننىڭ نازاكەتلىك ئايال تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى تەس ك...