1. توخۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە توقۇلمىلىرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ. يىرىك ياغ توخۇ تېنى ھۈجەيرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ يەككە ھالەتتە ياكى ئاقسىل بىلەن بىرىككەن ھالەتتە ھۈجەيرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. نېرۋا، مۇسكۇل، سۆڭەك ۋە قان قاتارلىقلارنىڭ توقۇلمىلىرىدا يىرىك ياغ بولىدۇ. يېڭى توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە كونا توقۇلمىلارنىڭ تولۇقلىنىشى ئۈچۈن، توخۇنىڭ داندىن ياغ قوبۇل قىلىشى زۆرۈر.
2. ھورمۇن ۋە تۇخۇمنىڭ خام ئەشياسى. توخۇ تېنىدىكى خولېستېرىن ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر ئارقىلىق ۋىتامىن D غا ئايلىنىدۇ. جىنسىي ھورمۇنمۇ خولېستېرىن بىلەن بىرىكىدۇ. ياغ تۇخۇم ئېغىرلىقىنىڭ %10 ىنى، تۇخۇم سېرىقىنىڭ %211 ىنى ئىگىلەيدۇ.
3. ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى شەكىل. توخۇ تېنىدىكى ئېشىپ قالغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياغقا ئايلاندۇرۇپ، تېرە ئاستى مۇسكۇلى، ئۈچەي پەردە ئارىلىقى ۋە بۆرەك ئەتراپىدا زاپاس ساقلايدۇ. بۇ ياغلار ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ۋە تۇخۇم تۇغىۋاتقان ۋاقىتتا پارچىلىنىپ، ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ. ياغنىڭ ھەجىمى كىچىك، پەيدا قىلغان ئېنېرگىيەسى چوڭ بولغاچقا، ئەڭ ياخشى ئېنېرگىيە ساقلاش شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
4. توخۇ تېنىگە ئېرىشچان ۋىتامىن ۋە كاروتىن يەتكۈزىدۇ. تەجرىبىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، توخۇنىڭ كۈندىلىك دېنىدا %4 يىرىك ياغ بولغاندا، قوبۇل قىلىدىغان كاروتىن %60، %70 يىرىك ياغ بولغاندا، قوبۇل قىلىدىغان كاروتىن %20 بولىدىكەن.
5. زۆرۈر ياغ كىسلاتاسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تۇخۇم تۇغىۋاتقان مېكىياننىڭ كۈندىلىك دېنىدا %2 ئەتراپىدا لىنول كىسلاتاسى بولۇشى زۆرۈر. ئەگەر، ياغ كىسلاتاسى يېتەرلىك بولمىسا، خورازنىڭ ئۇرۇقلاندۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مېكىيانلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇش، چۈجە چىقىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يىرىك ياغ − يەم - خەشەك، ھايۋانات توقۇلمىلىرى، ھايۋانات چىقىرىندىلىرى تەركىبىدىكى ياغدا ئېرىشچان ماددىنىڭ ئومۇمىي نامى.
ھەمبەھىرلىنىڭ