گۆش توشقىنىنى بورداشتا تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ:
1. بۇغداي ئۈندۈرمىسى بىلەن بېقىش
مۇۋاپىق مىقداردىكى دېنى توق، قۇرت چۈشمىگەن بۇغداي ياكى ئارپىنى45 لۇق ئىلمان سۇغا 24 سائەت چىلاپ، ئاندىن سېۋەتكە قاچىلاپ ئۈستىگە كاناپ رەخت يېپىپ، بۇغداي كۆپۈپ ئاقارغاندىن كېيىن غەلۋىر ئۈستىگە ئېلىپ، 4-5cm قېلىنلىقتا تەكشى يېيىتىپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت نېپىز سۇلياۋ يېپىپ، تېمپېراتۇرىنى 20 تا ساقلاپ، ھەر كۈنى 4-5 قېتىم ئىلمان سۇ پۈركۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇغداي بىخىنىڭ تىمەن ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە ھەر كۈنى 1 قېتىم %5 لىك ئاق شېكەر سۈيىنى پۈركۈش كېرەك. 6-7 كۈندىن كېيىن بۇغداي ئۈندۈرمىسى 7-8cm بولغاندا ئۈزۈپ توشقانغا بەرسە بولىدۇ.
2.ئېچىتىلغان ئوت - چۆپ تالقىنى بىلەن بېقىش
قۇرۇق ئوت - چۆپ تالقىنىغا %0.05 لىك تۇز سۈيى قوشۇپ، قول بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ (نەملىشىش دەرىجىسى قول بىلەن سىققاندا كاللەكلىشىپ، قويۇپ بەرگەندە چېچىلىپ كەتكۈدەك بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ)، ئاندىن ئۇنى ئېدىشقا قاچىلاپ چىڭ بېسىپ، ئاغزىنى سۇلياۋ بىلەن ھىم ئېتىپ ئېچىتىش كېرەك. قۇرۇق ئوت - چۆپ تالقىنى ئېچىغاندىن كېيىن يۇمشاپ، تېتىمچانلىقى ياخشى بولىدۇ. ئۇنى ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە توشقان يېمىگە بىر قېتىمدىن (ئېچىتىلغان ئوت - چۆپ تالقىنى %10 نى تەشكىل قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ) ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ