چېتىشتۇرۇلىدىغان ئەركەك توشقانغا ئاجىزراق يورۇقلۇقنى قىسقا ۋاقىت چۈشۈرۈش: ئادەتتە چېتىشتۇرۇلىدىغان ئەركەك توشقانغا ئاجىزراق يورۇقلۇقنى 14-13 سائەت چۈشۈرسە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئۇدا يورۇتۇش ۋاقتى 16 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئەركەك توشقاننىڭ ئۇرۇقدېنى يېنىكلەش ۋە ئۇرۇق سانى ئازىيىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆپىيىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا كۆپىيىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ.
ئۇرۇقلاندۇرىدىغان چىشى توشقانغا كۈچلۈكرەك يورۇقلۇق چۈشۈرۈش: يورۇقلۇقنىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، چىشى توشقاننىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتى ۋە بۆجەنلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغىلى بولىدۇ. توشقانخانىغا ھەر كۈنى 15-16 سائەت ئەتراپىدا يورۇقلۇق چۈشۈرۈش، ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە چۈشىدىغان يورۇقلۇق قۇۋۋىتى 4 ۋاتتىن كەم بولماسلىق كېرەك. بۇنداق بولغاندا چىشى توشقاننىڭ نورمال كۈيلىشى، بوغاز بولۇشى ۋە بۆجەنلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
تاۋار توشقانغا ئاجىز يورۇقلۇق چۈشۈرۈش: بۆجەنلەش مەزگىلىدە، يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان ئەتىياز پەسلىدە تۇغۇلغان بۆجەنلەر يورۇقلۇق چۈشۈشى ئاجىز، يورۇقلۇق چۈشۈش ۋاقتى قىسقا بولغان كۈز پەسلىدە تۇغۇلغان بۆجەنلەرگە قارىغاندا 1-2 ھەپتە بالدۇر يېتىلىدۇ. جىنسىي ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بۆجەنلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تېپىپ يېيىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا تاۋار توشقاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئاجىز يورۇقلۇق چۈشۈرۈش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ