مېۋىلىك باغدا توشقان بېقىشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، تۇپراق سۈپىتىنى ياخشىلاشقا زور پايدىسى بار. شۇڭلاشقا مېۋىلىك باغدا توشقان بېقىش تېخنىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك:
1. ئېكولوگىيەلىك مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىش
كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم داۋالاشتا، ئاساسەن خىمىيەلىك دورا ئىشلىتىش تەدبىرى قوللىنىلىۋاتىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا مېۋىلىك دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئوڭايلا ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇلغىنىپ، دورا قالدۇقلىرى قېپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. شۇڭا خىرە نۇرلۇق چىراغ ۋە سېرىق تاختايدىن پايدىلىنىپ زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مېۋىلىك باغ بەرپا قىلىش كېرەك.
2.غازاڭ ۋە قۇرۇق ئوت - چۆپ ساقلاش
يوپۇرماق ۋە ئوت - چۆپ كۆپ پەسىللەردە ھاۋا ئوچۇق كۈننى تاللاپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى يوپۇرماق ۋە ئوت - چۆپنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ يىغىپ ساقلاپ قويۇش كېرەك. بۇ غازاڭ ۋە ئوت - چۆپلەرنى يوپۇرماق ۋە ئوت - چۆپ كەمچىل پەسىللەردە ياكى خىمىيەلىك دورا پۈركۈلگەن مەزگىللەردە ۋە يامغۇر كۆپ ياغقان ۋاقىتلاردا ئىشلەتسە بولىدۇ.
3.ئوت - چۆپ ياكى زىرائەت تېرىش
مېۋىلىك باغدا توشقان ياقتۇرۇپ يەيدىغان، شۇنداقلا ئۆز يېرىنىڭ كىلىماتى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئوت - چۆپ ۋە زىرائەتلەرنى، مەسىلەن مەستەك، كاللەكبەسەي قاتارلىقلارنى تېرىپ، قىش ۋە باش ئەتىيازدىكى يېڭى ئوت - چۆپلەر كەمچىل ۋاقىتتا بەرسە بولىدۇ.
4.مۇۋاپىق مىقداردا بوغۇز بېرىش
مېۋىلىك باغدا توشقان بېقىشتا يوپۇرماق، زىرائەت شاخ - شۇمبىسى ۋە ياۋا ئوت - چۆپ بىلەن بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. لېكىن توشقاننىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق تولۇقلاش زۆرۈر بولىدۇ. شۇڭا توشقانغا يوپۇرماق ۋە ئوت - چۆپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مۇۋاپىق مىقداردا بوغۇز بېرىش كېرەك. مەسىلەن پۇرچاق تىرىپى، كېپەك، كۆممىقوناق تالقىنى، شال توپىنى، مىنېرال ماددا قاتارلىقلارنى يەمگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، توشقاننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ