ياپونىيە ھىندىستاننىڭ 3-چوڭ مەبلەغ مەنبەسى دۆلىتى بولۇپ قالدى

0 2012-09-28 10:45:56   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     <ياپونىيە ئىقتىساد ئاخباراتى> نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ياپونىيە كارخانىلىرى ھىندىستان بازىرىغا بولغان قەدىمىنى تېزلەتكەن بولۇپ ، 800 دىن ئارتۇق كارخانا ھىندىستاندا تارماق شىركەت قۇرغان ، ياپونىيە ئاللىقاچان ئامېرىكىدىن بېسىپ چۈشۈپ ھىندىستاننىڭ 3-چوڭ مەبلەغ مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان . ياپونىيە سودىنى گۈللەندۈرۈش ئورگىنىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە ، 2011-يىلى ياپونىيەنىڭ ھىندىستانغا سالغان مەبلىغى 3 مىليارد 58 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ ، 2010-يىلىنىڭ 2.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن . 2011-يىلى 8-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان ياپونىيە ھىندىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ ئۈنۈمى روشەن كۆرۈلۈپ ، سېلىنغان مەبلەغنى قوغداش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلۇپ ، مەبلەغ مۇھىتىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەن . ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2012-يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلغان <12-بەش يىللىق پىلان> دا 1 تېرىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، ئاساسلىقى ئېلېكتىر كۈچى سېستىمىسى سىغىمىنى چوڭايتىش قاتارلىق ئورۇنلارغا ئىشلەتمەكچى بولغان . ياپونىيە كارخانىلىرى ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرا ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىنى تونۇپ يەتكەن بولۇپ ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسى ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى ۋە چوڭ سودا جەمئىيەتلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھىندىستاندا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇش بازىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىۋىتىپتۇ . بىراق نۆۋەتتە ھىندىستاننىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئېشىش نىسبىتى % 5 ئەتراپىدا ئىكەن ،ھەمدە ئېلېكتىر ئىستانىسىسى قۇرۇلۇشى ۋە كان قېزىشقا بولغان مۇھىت تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بىر قەدەر ئېغىر بولغاچقا ،مەبلەغ سېلىشنىڭ يەنىلا ئازراق خىيىم- خەتىرى بار ئىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博