مىڭلىغان پورتۇگالىيە خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى ئىقتىسادنى قىسقارتىش تەدبىرىگە قارشى چىقتى

0 2012-09-24 11:00:51   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   مىڭلىغان پورتۇگالىيە خەلق ئاممىسى 21-چىسىلا كەچتە پايتەخت لىسبوندىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئىشىكى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ئايدا ئېلان قىلغان ئىقتىسادنى قىسقارتىش تەدبىرىگە قارشىلىق كۆرسەتتى .

  قارشىلىق كۆرسەتكەن ئامما زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئالدىدا پىلاكات ۋە شوئار يېزىلغان تاختايلارنى كۆتۈرۈپ توختىماي شوئار توۋلىدى ، نەچچە ئونلىغان تولۇق قوراللانغان ساقچىلار ھوشيار ھالەتتە تۇردى ، لېكىن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىدى .

   بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ، پورتۇگالىيە پايتەختىدە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق نامايىش قىلىپ كۈچ كۆرسىتىش ھەركىتى ھېساپلىنىدۇ ، مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىمۇ نەچچە ئونمىڭلىغان پورتۇگالىيە ئاممىسى پايتەخت لىسبوندا نامايىش قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى قىسقارتىش يېڭى تەدبىرىگە قارشى چىققانىدى .

   پورتۇگالىيە زۇڭلىسى Coelho مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئىقتىسادنى قىسقارتىش يېڭى تەدبىرىنى ئېلان قىلىپ ، بۇ ئارقىلىق خەلقئارالىق ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش نىشانىغا يېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا خىزمەتچىلىرىگە تاپشۇرىلىدىغان جەمئىيەت كاپالىتى چىقىمىنى ھازىرقى % 10 تىن % 18 كە ئۆستۈرۈش ، شۇ ئارقىلىق خىزمەتچى خادىملار ئۈستىگە ئالىدىغان چىقىم نىسبىتىنى ئازايتىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدى .

  بۇلتۇر پورتۇگالىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ، ياۋروپا قىتئەسى مەركىزىي بانكىسى ۋە خەلقئارالىق پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن تەركىپ تاپقان < ئۈچ ئات ھارۋىسى> پورتۇگالىيەگە 78 مىليارد ياۋرو ياردەم قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەن ئىدى ، نۆۋەتتە پورتۇگالىيە تەرەپ ئاللىقاچان 40 مىليارد ياۋرو ياردەمنى قوبۇل قىلغان بولۇپ ، ياردەم لايىھەسىگە ئاساسەن مالىيەنى قىسقارتىش ۋە ئىقتىسادقا قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنى يولغا قويىۋاتقان ئىدى . <ئۈچ ئات ھارۋىسى> يېقىندا قويېۋىتىش سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى پورتۇگالىيەگە بولغان ياردەم قىلىش شەرتى قىلىشقا قوشۇلغان بولۇپ ، پورتۇگالىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىقتىسادنى قىسقارتىش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ ياردەمگە ئېرىشىش نىشانىغا يېتىشىگە ئىجازەت قىلغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博