چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە يېڭىدىن رادار بازىسى تەسىس قىلغانلىقىغا قارشى تۇردى

0 2012-09-24 10:22:36   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو دۆلىتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن چاۋشيەنگە ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا چاۋشيەننىڭ يادرو كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى ۋە كۈچەيتىشى يوللۇق ئىش.

  بۇ باياناتچى شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە يېڭىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن ئالدىن سىگنال بېرىدىغان رادار ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە يېڭىدىن رادار بازىسى قۇرۇشى رايوننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشنى تاماملاشنىڭ بىر ھالقىسى بولۇپ، بۇ ياۋروپا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بەزى چوڭ دۆلەتلەرگە قارىتىلغان، بۇ- رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.

   باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ھوقۇقدارى يېقىندا چاۋشيەنگە دۈشمەنلىك قىلىش نىيىتى يوقلىقىدەك چىرايلىق سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن ئىدى. ئەمما ھازىر ئامېرىكا چاۋشيەنگە دۈشمەنلىق قىلىش سىياسىتىنى ئوچۇق ئاشكارا ئېتىراپ قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پوزىتىسىيىسى چاۋشيەننى ئامېرىكىغا رەقىب بولالايدىغان يادرو چوڭ دۆلىتى دېگەن بىلەن باراۋەر.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博