شوخلىنى ئېقىتىپ ئوغۇتلاش باسقۇچلىرى

0 2012-09-21 12:32:19   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      شوخلىنى ئېقىتىپ ئوغۇتلىغاندا تۈپلەرنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ۋە مېۋىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، يەنە يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشىنىمۇ تېزلىتىپ، تۈپلەرنى تىمەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا شوخلا چۈشۈش مەزگىلىدە باسقۇچلار بويىچە ئېقىتىپ ئوغۇتلاش كېرەك.
      1. شوخلا چۈشۈشتىن ئىلگىرى بىيولوگىيەلىك باكتېرىيە ئوغۇتىغا سۇدا تولۇق ئېرىيدىغان ئوغۇت قوشۇپ ئېقىتىپ ئوغۇتلاش كېرەك. ئادەتتە، شوخلا چۈشۈشتىن ئىلگىرى ئېقىتىپ ئوغۇتلاشقا بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاسانلا بويىغا ئۆسۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. لېكىن شوخلىنى تىككەن دەسلەپكى مەزگىلدە يىلتىز سۈرۈشى ۋە تۇتۇشى ئاستا بولسا، ئېقىتىپ ئوغۇتلاش كېرەك.
      2. شوخلا چۈشكەن دەسلەپكى مەزگىلدە مۇۋاپىق مىقداردا ئېقىتىپ ئوغۇتلاپ، تۈپلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېۋىسىنىڭ يوغىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئادەتتە شوخلا ياڭاقچىلىك بولغاندا تۇنجى قېتىم ئېقىتىپ ئوغۇتلىسا بولىدۇ. ئېقىتىپ ئوغۇتلاش بەك بالدۇر بولۇپ قالسا، تۈپلەر باراقسان ئۆسۈپ، مېۋىسى كۆيۈپ كېتىدۇ ياكى يوغىنىشى ئاستىلايدۇ. بەك كېچىكىپ كەتسە، تۈپلەرنىڭ ئۆسۈشى ۋە چېچەك بىخىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
     3. بولۇق مېۋىلىگەن مەزگىلدە كۆپ مىقداردا ئېقىتىپ ئوغۇتلاپ، چېچىكىنى قوغداپ، كۆپ مېۋىلىتىش كېرەك. بولۇق مېۋىلەش مەزگىلىدە تۈپلەر جىنسىي ئۆسۈشىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئېقىتىپ ئوغۇتلىغاندا مېۋىسىنىڭ نورمال يوغىنىشىغا ۋە چېچەك بىخىنىڭ نورمال بۆلۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. كۆپلەپ شوخلا چۈشكەندە تۈپلەرنىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجىمۇ تەدرىجىي ئاشىدۇ. لېكىن بىر قېتىمدىلا بەك كۆپ ئوغۇتلىماسلىق كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر