پارنىك تاۋۇزى مايسىسىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى

0 2012-09-21 12:31:30   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئەلا سۈپەتلىك چىلگە تاۋۇز سورتىنى تاللاپ، قاپاقنى ئۇلاق قىلىپ ئۇلاپ، دىيامېتىرى 10cm لىق قاچىدا مايسا يېتىشتۈرۈش كېرەك.
      ئوزۇقلۇق توپىسى تەييارلاش: بىر ئۈلۈش چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت، بىر ئۈلۈش مۇنبەت توپا تاۋۇز، كېۋەز، كۆكتات ئۆستۈرۈلمىگەن ئېتىز توپىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ تاسقاپ، ھەر كۇب توپىغا يەنە 100g دىن %50 لىك باۋىستىن دوجۈنلىڭ 多菌灵، 1.0kg0.5 دى ئاممونىي فوسفات قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ قاچىغا قاچىلاپ، ھەر مو يەرگە 1200 دانە ئوزۇقلۇق قاچىسى توغرىلاپ، مايسىزارلىققا تەكشى تىزىپ، قاچىلارنىڭ ئارىلىقىنى قۇمساڭغۇ توپا بىلەن توشقۇزۇپ تەكشىلەپ تەييارلىسا بولىدۇ.
      ئەگمە پارنىك ياساش: ئالدى بىلەن ھەر مو يەرگە 0.5kg دىن توغرىلاپ قاپاق ئۇرۇقى تەييارلىنىدۇ، بۇ ئۇرۇقلار 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى نەمدەپ بىخلاندۇرۇلۇپ، 1 - ئاينىڭ 10- كۈنى ھەربىر قاچىغا بىر تالدىن تېرىلىدۇ. ئاندىن 1.0- 1.5 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا كۆمۈلۈپ، يوپۇق يېپىلىپ، ئەگمە پارنىك ياسىلىدۇ.
      تاۋۇز ئۇرۇقىنى تېرىش: تاختاي ياكى قاڭالتىردىن 60cm كەڭلىكتە، 100cm ئۇزۇنلۇقتا، 10cm چوڭقۇرلۇقتا قۇتا ياساپ، ئىچىگە قايناق سۇدا داغلانغان قۇم توشقۇزۇپ، قاپاقتىن 10 كۈنلەر كېيىن تېرىش كېرەك. يەنى %80 قاپاق ئۇرۇقى ئۈنۈپ چىقىپ، پەللە يوپۇرمىقى يېيىلغاندا تېرىسا بولىدۇ. تاۋۇز ئۇرۇقىنى تېرىپ، ئۈستىنى 1.5-2.0cm قېلىنلىقتا كۆمۈپ، ئاندىن يوپۇق يېپىش كېرەك. تاۋۇز ئۈنگىچە كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى25~30℃، كېچىسى15-18 تا كونترول قىلىش، ئۈنگەندىن كېيىن كۈندۇزى 20-25كېچىسى15-18 تا كونترول قىلىش كېرەك. ئۇلاشتا ئادەتتىكى ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.
      پارنىك تاۋۇزى مايسىسىنىڭ ئۇلاق مەزگىلىدىكى پەرۋىشى: ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال ئەگمە پارنىك يېپىش ھەمدە سايە چۈشۈرۈش، دەسلەپكى 3 كۈندە ئەتىگەن ۋە كەچتىن باشقا ۋاقىتتا سايە چۈشۈرۈش كېرەك. 3 كۈندىن كېيىن كۈن چۈشۈرۈش ۋاقتىنى تەدرىجىي ئۇزارتىش، سولىشىش كۆرۈلسە دەرھال سايە چۈشۈرۈش كېرەك. ئۇلاپ 3 كۈن ئىچىدە ئەگمە پارنىك ئىچى نەملىكىنى %95 ئەتراپىدا ساقلاش كېرەك. 3 كۈندىن كېيىن تەدرىجىي شامال ئۆتۈشتۈرۈپ، تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئۇلاپ 7 كۈن ئىچىدە تېمپېراتۇرىنى كۈندۈزى28-30، كېچىسى10-20 تا، 7 كۈندىن كېيىن كۈندۈزى23-24، كېچىسى10-20 تا، تۇپراق تېمپېراتۇرىسىنى بولسا24℃ ئەتراپىدا كونترول قىلىش كېرەك. كۆچۈرۈشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى كېچىلىك تېمپېراتۇرىنى12~15℃ قا تۆۋەنلىتىش كېرەك.
      پىشىش مۇددىتى: پارنىك تاۋۇزى چېچەكلەپ 30~35 كۈن بولغاندا پىشىدۇ. ئادەتتە 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنلىرى ئەتراپىدا بازارغا سالغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر