سەي پۇرچاقنى كۆپ چوكىلىتىش تەدبىرلىرى

0 2012-09-21 12:28:38   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
     1. چېچەك مەزگىلىدە قۇرغاقراق، چوكىلاش مەزگىلىدە نەمرەك بولۇش
      سەي پۇرچاقنى سۇغۇرۇشتا ھاۋا، يەر ۋە زىرائەت ئەھۋالىغا قاراش، چېچەك مەزگىلىدە قۇرغاقراق، چوكىلاش مەزگىلىدە نەمرەك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە سۇغۇرۇش كېرەك. پۇرچاق ئۈنۈپ چېچەكلىگىچە ئازراق سۇغۇرۇش كېرەك. ئەگەر نەملىكى ياخشى بولسا، چېچەكلەشتىن ئىلگىرى بىر قېتىم سۇغۇرۇپ، ئاندىن چوكىلاشقا باشلىغاندا سۇغۇرۇش كېرەك. چوكىلىغاندىن كېيىن تۈپلەر بولۇق ئۆسۈپ، يەنە چېچەكلەپ چوكىلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق ۋە سۇغا كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق چاغدا سۇغۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۇپراقنىڭ نەملىكى %70-%60 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. تېمپېراتۇرا يۇقىرى مەزگىلدە پات - پات تېيىز سۇغۇرۇش، ئەتىگەن ۋە كەچتە سۇغىرىش ئۇسۇلىنى كۆپرەك قوللىنىش كېرەك.
      2. مۇۋاپىق ئوغۇتلاش
      سەي پۇرچاقنىڭ چېچەكلەش ۋە چوكىلاش مەزگىلىدە ئاساسىي ئوغۇت بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاش ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە ئازراق ئوغۇتلاشنى ئاساس قىلغان ھالدا 2-3 قېتىم ئوغۇتلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئازوتلۇق ئوغۇت مۇۋاپىق بولۇش، فوسفور ۋە كالىيلىق ئوغۇتنى ماسلاشتۇرۇش، ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلىماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، بويىغا ئۆسۈپ كېتىپ، چېچەك ۋە چوكىسى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ، يىلتىز تۈگۈنىكىنىڭ شەكىللىنىشىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ. ئوغۇتلىغاندا تولۇق چىرىگەن گەندە ۋە قىغنى ئاساس قىلىپ ھەم مۇۋاپىق مىقداردا كالتسىي سۇپېرفوسفات، كالىي خىلورىد ۋە ئوت - چۆپ كۈلى قاتارلىق ئوغۇتلارنى قوشۇپ بېرىش كېرەك.
      3.شامال ۋە نۇر ئۆتۈشتۈرۈش
      سەي پۇرچاق ئۆستۈرگەندە نۇر ئۆتۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارنىكتا پېلەكنى يىپتا ئېسىش، ئېتىزدا جازىغا ئېلىش كېرەك. پارنىكتا ھەر مو يەرگە 2000 تۈپ تىكىش كېرەك. بەك زىچ بولۇپ كەتسە، بىر - بىرىگە سايە چۈشۈرىدۇ، شامال ئۆتۈشۈشىمۇ ياخشى بولماي بويىغا ئۆسۈپ چوكىلىمايدۇ. تۆۋەن تەرىپىدىكى قېرى، قۇرىغان، سارغايغان، كېسەل ۋە ھاشارات تەگكەن يوپۇرماق - شاخلارنى ۋاقتىدا پۇتىۋېتىپ، شامال ۋە نۇر ئۆتۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق خورىشىنى ئازايتىش كېرەك. بۇ سەي پۇرچاقلارنىڭ چېچەك ۋە چوكىسىنى قوغداشقا پايدىلىق.
      4.ۋاقتىدا يىغىۋېلىش
      سەي پۇرچاقنى ۋاقتىدا يىغىۋالغاندا مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە تۈپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، باشقا چېچەكلەرنىڭ ئېچىلىپ چوكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىغىۋېلىش مەزگىلىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، مەھسۇلاتىمۇ ئاشىدۇ. كۈزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، چېچەكلەپ 10 كۈنلەر بولغاندا يىغىۋالسا بولىدۇ.
      5. دورا بىلەن بىر تەرەپ قىلىش
      سەي پۇرچاقنىڭ چېچەكلەش مەزگىلىدە 25ppm5 لىق كېلمون 萘乙酸،β- نافتاكسى سىركە كىسلاتاسى 萘氧乙酸 ۋە ياكى 525ppm لىق گېببېرېللىن جيۇئېرلىڭ九二零 نىڭ بىرىنى چېچەك رېتىگە پۈركۈسە، چېچەك تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چوكىلاش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر