ئىتالىيە 23 نەپەر ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمىنىڭ جىنايىتى بار دەپ ھۈكۈم چىقاردى

0 2012-09-21 10:55:39   جوڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە ئالي سوت مەھكىمىسى 19-چىسلا ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى(CIA)نىڭ 23 نەپەرخادىمىنىڭ جىنايىتى بار دەپ ھۈكۈم چىقاردى. ئىتالىيە دائىرىلىرى بەلكىم بۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا ھۈكۈمىتىدىن بۇ خادىملارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.

   ئىگىلىنىشىچە مەركىزى ئاخبارات ئىدارسىنىڭ بۇ 23 نەپەر خادىمى مىلاندا بىر نەپەر مىسىر تىرورچى جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقۇن قىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان، بۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ "ئالاھىدە ئۆتكۈزىۋېلىش" ھەركىتىنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ئىتالىيە سوت مەھكىمىسى شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئالاھىدە خادىملار سوتقا قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا سوت ئېچىپ 7 يىلدىن 9 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلغان. بۇ دىلو مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى "ئالاھىدە ئۆتكۈزىۋېلىش" ھەركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنايى ئىشلار سوتىغا تارتىلىشى ئىكەن.

   ئامېرىكا جىنايىتى بار دەپ ھۈكۈم چىقىرىلغان مەركىزى ئاخبارات ئىدارسى خادىملىرىنى تاپشۇرۇپ بىرىشنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە بۇ 23 نەپەر ئالاھىدە خادىمنىڭ ھەممىسىلا جىسمانىي ئەركىنلىكتە تۇرۇۋېتىپتۇ، لىكىن ئۇلار ياۋرۇپاغا بارسىلا تۇتۇلۇشتەك بىر تەقدىرگە يۈزلىنىدىكەن.

  ئىتالىيەلىك بىر ئادۋۇكات ئالىي سوت مەھكىمىسنىڭ بۇ قېتىمقى ھۈكۈمىنىڭ ھۈكۈمەتكە بۇ كىشىلەرنى ئۆتكۈزىۋېلىشقا يول ئېچىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىكايەت قىلغۇچى تەرەپ (دەۋاگەر) "ئالاھىدە ئۆتكۈزىۋېلىش" بولسا " دىمكۇراتىيەگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق" دەپ قارىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博