قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى شوكامانوۋ يېقىندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2015 - يىلىغا بارغاندا قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سى 16 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن، ئەگەر سېتىۋېلىش كۈچى تەكسە باھاسى بويىچە ھېسابلىسا، 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن. شوكامانوۋ مۇنداق دېدى: شۇ چاغقا بارغاندا قازاقىستان كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.
شوكامانوۋنىڭ ئېيتىشىچە، 2010 - يىلى قازاقىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان GDP سىنى پۈتۈن يىللىق پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە ھېسابلىغاندا 9068.2 ئامېرىكا دوللىرى، سېتىۋېلىش كۈچى تەكسە باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا 12 مىڭ 401 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، 182 دۆلەت ئىچىدە 66 - ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ