قازاقىستان خەلقئارا يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېرىك كالىيېۋ يېقىندا ئېچىلغان ياۋروئاسىيا2011- خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىدا 2015 - يىلىغا بارغاندا قازاقىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسىپورت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 1 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كامالىيېۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشى ئۆتەڭ تىرانسپورتى مۇھىتىنى يارىتىش ئارقىلىق، 2015 - يىلىغا بارغاندا قازاقىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان مال تىرانسپورت مىقدارىنى 25 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشتىن ئۈمىد زوركەن.
2010 - يىلى قازاقىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان مال تىرانسپورت مىقدارى 15 مىليون توننا بولغان بولۇپ، ئۆتەڭ تىرانسپورت كىرىمى ئومۇمىي سوممىسى 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ