‹ئافغانىستان ۋاقىت گېزىتى› نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستان نېفىت - تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نادىروۋ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۈركمەنىستان پات ئارىدا ھازىرغىچە ئارقىغا تارتىلىپ ئىمزالانماي كېلىۋاتقان ئافغانىستان ئارقىلىق پاكىستان ۋە ھىندىستانغا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالايدىكەن. مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، تۈركمەنىستان - ئافغانىستان - پاكىستان - ھىندىستان تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى يېقىندا ياتقۇزۇلۇشقا باشلايدىكەن. كېلىشىمدە بەلگىلىنىشىچە، تۈركمەنىستان كەلگۈسى 30 يىلدا پاكىستان ۋە ھىندىستاننى 1 تىرىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن. 2010 - يىلى 12 - ئايدا ئىمزالانغان تۆت دۆلەتنىڭ تەبىئىي گاز ھەمكارلىق كېلىشىمىدە باھا، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش مىقدارى، بىخەتەرلىك قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان ماددىلار يوقكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ