قىشنىڭ بالدۇر كىرىشى ئۆزبېكىستاننى تەبىئىي گاز ئېكىسپورت مىقدارىنى ئازايتىشقا مەجبۇر قىلدى

0 2012-09-14 11:32:22   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      خەلقئارا يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى قىش پەسلى بىر ئاي بۇرۇن يېتىپ كەلگەچكە، ئۆزبېكىستان تەبىئىي گاز ئېكسپورت مىقدارىنى ئازايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.
      خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا يوللىنىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى ئاستا - ئاستا ئازايتىشقا باشلىغان.
      خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي گاز ئېكسپورتى روشەن ھالدا ‹پەسىل خاراكتېرلىك يېتىشمەسلىك›تەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. 2010 - يىلى 2-3 - ئايلاردا سوغۇق ئېقىم تۇيۇقسىز كىرگەنلىكتىن، ئۆزبېكىستان رۇسىيەنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى پۈتۈنلەي توختىتىۋەتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە رۇسىيە تەبىئىي گاز يوللاش شىركىتى ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ دائىم تەبىئىي گاز تەمىناتىنى توختىتىپلا قالماستىن، يەنە ئۆز خاھىشى بويىچە رۇسىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدىغان تۇرۇبا يولىدا تۈركمەنىستان تەبىئىي گېزىنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىدىنمۇ ئىنتايىن نارازى بولغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر