قازاقىستان يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان زۇڭلى بەنگۇڭتىڭى سىرتقا قارىتا مۇنۇلارنى جاكارلىغان: قازاقىستان مەركەز خامچوت پىلانى بويىچە قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى (قازاقىستان تەرەپتىكىسى) نىڭ 110 تۈرىگە جەمئىي 65 مىليارد تەڭگە (تەخمىنەن 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) مەبلەغ سېلىنىدىكەن. ھازىر 30 مىليارد تەڭگىسى (تەخمىنەن 203 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر) ئىشلىتىلدى.
يېقىندا، قازاقىستان زۇڭلىسى ماكسىموۋ ‹قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى› نىڭ قازاقىستان تەرەپ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ مەركەزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 528 گېكتار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقىستان تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 185 گېكتار، جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ كۆلىمى 343 گېكتار، بۇ ئىككى رايون مەخسۇس ياسالغان تىرانسىپورت يولى ۋە پىيادىلەر يولى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. مەركەزنىڭ بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى 2011 - يىلى 12 - ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 29 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۈرلەر ئىچىدە كۆپ ئىقتىدارلىق مەمۇرىي بىنا قۇرۇلۇشى، ۋىدېئو چاستوتا ئارقىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇش، بىخەتەرلىك قوغداش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋە تاشيول ياتقۇزۇش قاتارلىقلار بار.
قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى قۇرۇش تۈرى 2006 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگو ۋە قازاقىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ مەركەزنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، يەرمەنكە مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلىك، ئامباردا ساقلاش ۋە ماددىي ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. مەزكۇر پىلانغا ئاساسلانغاندا، بۇ مەركەز ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدىكەن، ئورتاق بولغان ئاساسىي رايون كۆلىمى 4.63 كىۋادرات كىلومېتىر 3.43( كىۋادرات كىلومېتىرى جۇڭگو زېمىنى تەۋەلىكىدە، 1.2 كىۋادرات كىلومېتىرى قازاقىستان زېمىنى تەۋەلىكىدە)، قوشۇمچە رايوننىڭ كۆلىمى بولسا 9.73 كىۋادرات كىلومېتىر ھەممىسى جۇڭگو زېمىنى تەۋەلىكىدە.
ھەمبەھىرلىنىڭ