بۇ قېتىم تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمى بىللە كەلگەچكە ، 1999- يىلى ئۆزگەرتىلگەن دەم ئېلىش ئىسلاھاتىدىن بۇيانقى 8 كۈنلۈك ئەڭ ئۇزۇن دەم ئېلىش قۇيۇپ بېرىلىدىغان بولدى . تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئىشخانىسى " 2012- يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى جەدۋىلى " نى ئېلان قىلدى .
9- ئاينىڭ 30- كۈنى ( يەكشەنبە ) تاۋۇز چاغىنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنى ( يەكشەنبە ) دەم ئېلىش ، جەمئىي 8 كۈن . بىراق 9- ئاينىڭ 29- كۈنى ( شەنبە ) نورمال خىزمەت كۈنى قىلىندى .
