تاجىكىستان مالىيە مىنىستىرلىقى تۇنجى بولۇپ، 2014-2013 -يىللىق دۆلەت خامچوتى نازارەت كۆرسەتكۈچىنى بېكىتتى ھەمدە تاجىكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تاپشۇردى.
تاجىكىستاننىڭ 2014-2013 - يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك دۆلەت خامچوتى مۆلچىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى يىلدا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى %8-7 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى بولسا %10-7 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن.
2013 - يىلى دۆلەتنىڭ خامچوت ئومۇمىي كىرىمى 11 مىليارد 800 مىليون سومنىغا يېتىدىغان بولۇپ، 2014 - يىلى 13 مىليارد 200 مىليون سومنىغا يېتىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتە دۆلەت پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى ماقۇللىغان ‹‹2012 - يىللىق تاجىكىستان دۆلىتىنىڭ خامچوت چارىسى›› غا ئاساسەن، 2012 - يىلى دۆلەتنىڭ خامچوتىنىڭ كىرىم قىسمى 10 مىليارد 160 مىليون سومنىغا يەتكەن بولۇپ، 2011 - يىلىدىكىدىن 1 مىليارد 860 مىليون سومنى ئاشقان.
نۆۋەتتە، 2014-2013 - يىللىق دۆلەت خامچوتى نازارەت كۆرسەتكۈچى پەقەت بىر مۆلچەر بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 2012 - يىلى كۈزگىچە يەنە تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىكەن.
ھەمبەھىرلىنىڭ