قازاقىستان يازما تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ ئالمۇتادىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 2020 - يىلىدىن ئاۋۋالقى ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەش پىلانىنى تۈزگەن.
يېقىندا قازاقىستان سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، مەركىزىي بانكا پۇل مۇئامىلە بازىرى، شۇنداقلا ئورگانلارنى نازارەت قىلىش كومىتېتى، ‹‹سامرۇق - كازېنا›› دۆلەتلىك پاراۋانلىق فوندى، ‹‹ئاتامىكىن›› سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋەكىللىرى، پۇخۇايۇڭداۋ ۋە بىماۋېي بوغالتىرلىق ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى مەسلىھەتچىلەر، شۇنداقلا بانكا مۇستەقىل دىرېكتورى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەرەققىيات بانكىسىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى رولىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە بانكا پايچېكلىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بىردەك بولمىسىمۇ، ئالدىنقىسى ئۇنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇزاق مەزگىللىك تۈرگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، كېيىنكىسى بولسا ئۇنىڭ سودا ساھەسىدىكى پايدا ئېلىش ئورگىنى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات بانكىسى تاللاشقا تېگىشلىك زىددىيەتلىك ۋەزىپە ئۇنىڭ ئەۋزەل ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان توسالغۇ بولۇپ قالدى.
يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئەڭ ئاخىرىدا بىردەك تەرەققىيات بانكىسى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا قارىتا كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۈنۈمگە ئىگە بولغان تۈرنى تاللىشى كېرەك، دەپ قارىدى. قازاقىستان دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى 2001 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، شۇنداقلا غەيرىي بايلىق مەنبەسى ساھەسىگە ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى يولغا قويىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ