2011 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى

0 2012-09-04 12:36:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يىقىندا 2011 - يىلى دەسلەپكى 11 ئايدا قازاقىستاننىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %13.2 ئاشقانلىقىنى، ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ بولسا %47.3 ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.
      قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى 11 ئايدا، قازاقىستاننىڭ خام ماتېرىياللىرىنىڭ ئىمپورت باھاسى %18.6 ئۆرلىگەن، ئېكسپورت باھاسى %58.5 ئۆرلىگەن؛ يېرىم تەييار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت باھاسى %12 ئۆرلىگەن، ئېكسپورت باھاسى %19.9 ئۆرلىگەن؛ تەييار مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت باھاسى %10.8 ئۆرلىگەن، ئېكسپورت باھاسى %14.9 ئۆرلىگەن. 2011 - يىلى 10 - ئاي بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 11 - ئايدا مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت باھاسى %1.4 ئۆرلىگەن، ئىمپورت باھاسى %0.3 چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، نېفىت، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورت باھاسىدا چۈشۈش كۆرۈلگەن، ئەمما مويلۇق تېرە، بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ ئېكسپورت باھاسىدا ئۆرلەش كۆرۈلگەن؛ قەھۋە، شېكەر، ئۆسۈملۈك مېيى قاتارلىق تاۋارلارنىڭ ئىمپورت باھاسى تۆۋەنلىگەن، سۈتتىن ياسالغان مەھسۇلاتلار، ئۆي قۇشلىرى گۆشلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلات قاتارلىقلارنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر