مۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە دورىنى توغرا ئىشلىتىشتىن سىرت، يەنە تۆۋەندىكى رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ باش جىنايەتچىسى بولغان يۇقىرى قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا بەلگىلىك ياردىمى بولىدۇ:
50 , مىللىلىتىرغىچە قىزىل ئۈزۈم ھارىقى ئىچىش كېرەك؛ كۈنىگە بىر دانىدىن ئالما يەپ بەرسە، ئالمىدىكى تالالار تۆۋەن زىچلىق ياغ ئاقسىلىنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلەيدۇ؛ تاۋۇزدا كۆپ مىقداردا ئامىنو كىسلاتاسى ۋە گىلۇكوزا قاتارلىقلار بولىدۇ، ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تاۋۇز يەپ بەرسە (بىر قېتىمدا 80 گىرامدىن ئاشمىسۇن)، قان بېسىمىنى كونتىرول قىلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
, قارا رەڭلىك يېمەكلىكلەر: قېرىنقۇلاق (مور) دا ۋىتامىنلار مول بولۇپ قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ.
, يېشىل رەڭلىك يېمەكلىكلەر: بۇ پالەك، كۈدە، كەرەپشە قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆكتاتلاردىكى ۋىتامىن ۋە سېللۇلوزا (تالا ماددىسى)ناھايىتى مول بولۇپ، خولېستېرىننىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بولۇپمۇ كەرەپشىنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ياندىشىپ كەلگەن يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىغا قارىتا بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى كۈچلۈك بولىدۇ.
, ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەر: سۇلۇ ئۇنى، سۇلۇ يارمىسى ترى گىلىتسېرىد ۋە خولېستېرىننى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدۇ. يەنە كالا سۈتىنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك، چۈنكى سۈتتىكى مول ئاقسىل، كالتسىي ۋە تۆمۈرلەر خولېستېرىننى كونترول قىلىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ