ئامېرىكىدىكى بىر تېرە كېسەللىكلىرى دوختۇرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پارقىراق ۋە رەڭلىك لەۋ سۇرۇخنىڭ لەۋنى ئاسراش رولى يوقكەن، ئەكسىچە ئۇلترا بىنەپشە نۇرنى سۈمۈرۈۋالىدىكەن. بۇنداق لەۋ سۇرۇخنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن. چۈنكى لەۋنىڭ تېرىسى بەدەندىكى باشقا جايلارنىڭكىگە قارىغاندا ناھايىتى نېپىز بولغاچقا، قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرىدىكەن.
تېرە مايلارنى سۈمۈرسە ئاپتاپ ۋە ئۇلتىرا بىنەپشە نۇردىن ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا مايلىق لەۋ سۇرۇخنىڭ لەۋنى سىلىقلاش ئۈنۈمى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئەمما شۇنى جەزملەشتۈرۈش كېرەككى، ھازىر سېتىلىۋاتقان نۇرغۇن لەۋ سۇرۇخنىڭ تەركىبىدە ئاپتاپتىن ساقلاش ماددىلىرى بولمىغاچقا، كۈچلۈك ئاپتاپتىن قوغداش رولى يوقكەن. شۇڭا خانىم - قىزلار لەۋ سۇرۇخ تاللىغاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ