o قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلى: تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى بار يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ بولكىنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەڭ ياخشىسى قارا گۆش، بېلىق ۋە مېغىزنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئىچىملىككە مېۋە شىرنىسى تاللىغىنى ياخشى.
A قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلىA : قان تىپىدىكىلەرنىڭ بەدىنىدە ئاشقازان كىسلاتاسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، گۆشنى ھەزىم قىلمىقى تەس. بۇ قان تىپىدىكىلەر ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە، ياغ بەدەنگە ئاسانلا يىغىلىپ قالىدۇ. لېكىن شۇنى دەپ گۆشنى قەتئىي يېمىسىمۇ بولمايدۇ. قارا گۆش ۋە بېلىقنى ئازراق يېسە بولىدۇ. گۆشتىن پۈتۈنلەي پەرھىز تۇتالىسا، ئورۇقلىيالىشى مۇمكىن.
B قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېسە بولىدۇ. لېكىن تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىسى بار يېمەكلىكلەرنىلا يېسە، ئاسان چارچاپ كېتىدۇ ۋە ماددا ئالمىشىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا سۈتتىن ياسالغان يېمەكلىك، تۇخۇم، جىگەر، كۆكتات، شۇنداقلا قارا گۆش يېيىشى كېرەك. توخۇ گۆشى ئۇلارغا ماس كەلمەيدۇ، ئامال بار ئاز يېگىنى ياخشى.
AB قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئورۇقلاش ئۇسۇلى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىرقەدەر ئاجىز بولۇپ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاز، گۆشنى ئاسان ھەزىم قىلالمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ)، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى ئاساس قىلىپ، قېتىقنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىشى ۋە گۆشنى ئاز مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك. ئاز - ئازدىن كۆپ قېتىم ئوزۇقلانسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. AB قان تىپىدىكىلەرگە بېلىق ۋە قۇلۇلە تۈرىدىكىلەردىن باشقا، يەنە تۇخۇممۇ ئىنتايىن ماس كېلىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ