ئۈرۈمچى - ئاستانا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

0 2012-08-28 11:43:46   جۇگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    27-ئاۋغۇست، سائەت 8 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى) جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بوئىن 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن قازاقىستان پايتەختى ئاستانىگە قاراپ ئۇچتى. بۇ جەنۇبىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە قازاقىستانغا بارىدىغان ئىككىنچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى ئىچىدە بىردىنبىر قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىگە بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدۇر .

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى - ئاستانا ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىك پىلانىدا ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، چارشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى جەمئىي 3 نۆۋەت يولۇچى توشۇلىدىكەن. يولۇچى توشۇش ۋەزىپىسىنىڭ ھەممىسىنى بوئىن 737 تىپلىق ئايروپىلان ئورۇندايدىغان بولۇپ، ھەرقېتىمدا جەمئىي 250 نەپەر يولۇچى توشۇلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر