جوڭگۇ يەر تەۋرەش ئىدارىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا:2012-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى ئەتىگەن (ئۈرۈمچى ۋاقتى)سائەت 3تىن 7مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى بىلەن ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستى(كورلا )نىڭ خېجىڭ ناھىيەسىنڭ ( شىمالىي كەڭلىك 43.4گرادۇس،شەرقىي ئوزۇنلۇق 84.8گرادۇستا) چىگراسىدا 6.6بال قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 7 كلومىتىر .
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندە ، ئۈرۈمچى،سانجى،چۆچەك،كۈيتۈن،شىخۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يەر تەۋرەش سىزىمى ناھايتى كۈچلۈك بولغان.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 3تىن 8مىنۇت ئەتراپىدا يېرىم مىنۇتتىن كۆپرەك يەر تەۋرەش داۋاملاشقان بولۇپ،يەر تەۋرەش سىزىمى ناھايتى چوڭقۇر بولدى.ئۈرۈمچىدىكى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە بىنالار خېلىلا سىلكىنىپ كەتكەن.خېلى كۆپ قىسىم ئاھالىلەر يەر تەۋرەشتىن ئويغىنىپ كەتكەن ۋە دەرھال بىنادىن پەسكە چۈشۈپ يەر تەۋرەشتىن كىلىپ چىقىدىغان تاساددىپىي ھادىسەلەرگە تاقابىل تورۇشنى ئويلىغان .يەنە بىر قىسىم مىكرو بلوگىغا دەرھال يوللانما يوللاپ بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتىن ئىنتايىن چۆچىگەنلىكىنى سۆزلىگەن.نۆۋەتتە يەر تەۋرەش ھەققىدە تەپسىلىي سىتاستىكا ۋە ئۈلۈم -يىتىم ئەھۋالى ، زىيان ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوللانمىدى.كۈنەستىكى بىر قىسىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن جايدا توك توختاپ قالغان.
دەسلەپكى سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى بۇ قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەش تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەچكە،ئادەم ئۈلۈش ياكى يارىلىنىش شۇنداقلا ئىقتىسادىي زىيان قاتارلىقلارغا سىتاستىكا قىلىشقا مەلۇم ۋاقىت كىتىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11دىن دىن 20مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2.8بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ،بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاخشامقى يەر تەۋرەش يۈز بىرىپ 4 سائەتتىن كىيىن يۈز بەرگەن.