ئايالى بىلەن جېدەللىشىپ قىلىپ ئۆيىگە ئوت قويۇۋەتكەن ھاماقەت

0 2012-05-15 11:18:55   سىنا تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى
توۋچۈەنباۋ ئايالى بىلەن جېدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن ھاراق ئىچىپ ئۆز ئۆيىگە ئوت قويۇپ،ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆيدۈرۋىتىدۇ.تۈنۈگۈن مۇخبىر توۋچۈەنباۋنىڭ خەيدىڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتلىك ئۈچ يىرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدى.
34 ياشلىق توۋچۈەنباۋ خېبىي باۋدىڭ رايونىدىن بولۇپ،ئايالى بىلەن خەيدىڭ رايونى شىبىيۋاڭ بازىرىدىكى بىر قورۇدىكى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ.2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى تاڭ سەھەر سائەت بىردىن ئاشقاندا،ھاراق ئىچىپ مەست بولغان توۋچۈەنباۋ  قەستەن چاقماق بىلەن ئوت يېقىپ كىرلىك شۇنداقلا ماتراس قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈپ،ئۆي ئىچىگە ئوت قويۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچ،كارۋات،دېرىزە قاتارلىقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن،غەرق مەست بولۇپ كەتكەن توۋچۈەنباۋ جېدەل چىقىرىپ قالايمىقان قىلغانلىقتىن، يولدا كېتىۋاتقان ساقچىلار ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدۇ.ساقچى سوراق قىلىش ئارقىلىق،توۋچۈەنباۋ ئوت قويۇپ ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆيدۈرۋەتكەنلىك خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار ئۇنى قولغا ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى يولدىشىنىڭ ھاراق ئىچىپ ئۆزى بىلەن سوقۇشقانلىقىنى ئېيتىدۇ.
سوت قىلىش جەريانىدا توۋچۈەنباۋ پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆينى ئىجارىگە بەرگۈچى كىشىمۇ تۆلەم تۆلىتىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا جەرىمانە قويۇپ جازالاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئارقىلىق،جاۋابكار توۋچۈەنباۋ ئاچچىقىدا ئىجارىگە بەرگۈچىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ،ئاممىۋى بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزدى.ئۇنىڭ قىلمىشى قەستەن ئوت قويۇش جىنايىتىگە كىرىدۇ.بىراق ئۇنىڭ قىلمىشى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇنىڭغا مۇددەتلىك ئۈچ يىرىم يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى قارار قىلدۇق دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر