تۆگىقۇشىنىڭ ئافرىقا تۆگىقۇشى، ئامېرىكا تۆگىقۇشى، ئاۋسترالىيە تۆگىقۇشى قاتارلىق تۈرلىرى بار. نۆۋەتتە، كۆپ بېقىلىدىغىنى ئافرىقا تۆگىقۇشى.
تۆگىقۇشى ئوتخور ھايۋان بولۇپ، كۆپىيىش ئىقتىدارى كۈچلۈك. كۆندۈرۈلگەن ئافرىقا تۆگىقۇشى30-18ئايلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتە يېتىلىپ 70 يىل ياشايدۇ، كۆپىيىش مەزگىلى40-50 يىل بولىدۇ، يىلدا120-80 دانە تۇخۇم تۇغىدۇ. تۆگىقۇشىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى ۋە كېسەلگە تاقابىلچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، تۆگىقۇشى چۈجىلىرى ئىسسىق مۇھىتقا ئېھتىياجلىق بولغاندىن سىرت، تېمپىراتۇرا ئۆرلەپ 45 تىن ئېشىپ كەتسە ياكى نۆلدىن تۆۋەن 30 تىن تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
يېتىلگەن تۆگىقۇشىغا كۈندە بېرىلىدىغان بوغۇزنىڭ مىقدارى gk2 ~gk 1.5 بوغۇز بەرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېشىل ئوت - چۆپ (ئاساسلىقى بېدە، دەرەخ يوپۇرمىقى، كۆكتات يوپۇرمىقى) ۋە تۈرلۈك مېۋە - چېۋىلەرنى بەرسە بولىدۇ. 3 ئايلىقتىن تۆۋەن تۆگىقۇشى چۈجىلىرى يېمىنىڭ %40 ىنى يېشىل يىرىك يەم ئىگىلىشى ھەمدە بوغۇز ئورنىدا %50لىك ئوت - چۆپ پاراشوكى بېرىلىشى كېرەك.
تۆگىقۇشى تۇخۇم تۇغۇش مەزگىلىدە يەم تەركىبىدىكى ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ كۈيلەش ۋە تۇخۇم تۇغۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەم تۇخۇمىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆگىقۇشىنىڭ گۆشى ۋە تۇخۇمىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئاقسىل مىقدارى مول، ماي ۋە خولېستېرىننىڭ مىقدارى تۆۋەن. تۆگىقۇشى پېيى قىممەتلىك زىننەتلەش بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ، تۆگىقۇشىنىڭ مېيى ۋە كۆز مۈڭگۈز پەردىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە.
ھەربىر ئافرىقا تۆگىقۇشى كاتىكىنىڭ كۆلىمى m5×m5، ھەرىكەت مەيدانىنىڭ كۆلىمى m12×m 50، كاتەك ئىشىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى m3 بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. يەرگە ئەڭ ياخشىسى سېمونت ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قۇم تۆكۈپ قويۇش كېرەك.
قىش پەسلى ۋە كۆپىيىش مەزگىلىدە يەرگە ئوت - چۆپ سېلىپ قويۇش ھەمدە كۈن نۇرى چۈشۈشكە دىققەت قىلىپ، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. يەم ئوقۇرى ۋە سۇ قاچىلىرىنىڭ چوڭقۇر ھەم پۇختا بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆگىقۇشىنىڭ يەردىكى غەيرىي نەرسىلەرنى يەۋېلىشى ۋە زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ