قانداق قىلغاندا ياڭاق مېۋىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

0 2012-05-11 11:09:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ياڭاق مېۋىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئاساسلىقى مېۋىنى يىغىش ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىكى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، تۆۋەندىكى چارىلەرنى قوللانغاندا ياڭاق مېۋىسىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ:
      1. مۇۋاپىق پەيتتە يىغىۋېلىش
      مېۋە سودىگەرلىرىنىڭ بەس - بەستە سېتىۋېلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ياڭاق ھەمىشە بالدۇر يىغىۋېلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا مېغىز تولۇق پىشىپ يېتىلمەيدۇ - دە، پۈچەك ياكى يېرىم پۈچەك، رەڭگى قېنىق قوڭۇر، تەمىمۇ ئىنتايىن قىرتاق، ماي تەركىبى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ياڭاقنىڭ 3/1 ىدىن 2/1 قىسمىغىچە كۆك پوستى ئۆزلۈكىدىن يېرىلىپ، پوستى سارغۇچ يېشىل رەڭگە ئۆزگەرگەندە ۋە مېغىزى تولۇق يېتىلىپ سۇس سېرىق رەڭگە كىرگەندە، مېغىزىغا مېزىلىك تەم كىرىشكە باشلايدۇ، بۇ چاغدا ياڭاقنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ.
      2. ياڭاق پوستىنى ئاجرىتىش
      ياڭاقنىڭ پوستىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىۋەتمىگەندە شاكىلى قارىداپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا پوستلۇق ياڭاقلارنى مۇۋاپىق جايغا دۆۋىلەپ پوستىنىڭ ئاجرىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر قەۋەت پاخال يېيىتىلىپ، پوستلۇق ياڭاق تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە دۆۋىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە 30-20 سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پاخال يېپىپ قويۇلىدۇ.
      3. ئاقارتىش
      ئالدى بىلەن 1 كىلوگىرام ئاقارتىش پاراشوكى (خلورلۇق ھاك) نى 8-6 كىلوگىرام سۇدا ئېرىتىپ سۈزۈۋېتىپ، ئۇنى يەنە80-60 كىلوگىرام سۇ قۇيۇپ تەڭشەپ ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى تەييارلىنىدۇ. پوستى ئاجرالغان ھۆل ياڭاق سۇدا يۇيۇۋېتىلگەندىن كېيىن، ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىغا چىلاپ 10 مىنۇت تۇرغۇزۇپ سۈزۈۋېلىنىدۇ. ئاندىن يەنە ئاقارتىش سۇيۇقلۇقىغا 0.5 كىلوگىرام ئاقارتىش پاراشوكى سېلىپ، ياڭاق داۋاملىق ئاقارتىلىدۇ. مۇشۇنداق 8-7 قېتىم تەكرارلىغاندا كۆڭۈلدىكىدەك ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە پوستى ئاجرالغان ياڭاقنى ئۆي ئىچىگە دۆۋىلەپ، 1000 كىلوگىرام ياڭاقنى 5-3 كىلوگىرام گۈڭگۈرت بىلەن30-60 مىنۇت ئىسلاپ ئاقارتىشقىمۇ بولىدۇ.
      4. قۇرۇتۇش
      ئاقارتىلغان ياڭاقلارنىڭ كۆكىرىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى تولۇق قۇرۇتۇش كېرەك. ئەڭ ياخشىسى، تۈزلىنىپ ياكى سېمونت يېيىتىلىپ ياسالغان قۇرۇتۇش مەيدانىغا تەييارلانغان ياڭاقنى نېپىز يېيىپ، تېز - تېز ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلسە، قۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ.
      5. دەرىجىگە ئايرىش
      تولۇق قۇرۇتۇلغان ياڭاقلار چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن، دەرىجىگە ئايرىلىپ خالتىغا قاچىلىنىپ ئېسىپ ساقلىنىدۇ، ئوراپ ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. مەيلى قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر ھەممىسىدە سالقىن، قۇرغاق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، تەسكەي جايلارنى تاللاپ، ياڭاقنىڭ كۆكىرىپ سېسىپ كېتىشى ۋە ياڭاق مېيىنىڭ ئاچچىق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر