سەنئەت - ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەنئەتكار مېڭىسىدىكى ئىنكاسى. ئىجتىمائىي تۇرمۇش رەڭگارەڭ بولىدۇ، شۇڭا سەنئەتكارلار رەڭگارەڭ تۇرمۇشنى ياكى دۇنيانى چوقۇم بىلىشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە كىتابىي بىلىملەردىن كۆپرەك خەۋەردار بولۇشى زۆرۈر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى سەنئەت، دىن، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت ۋە ئىلىم - پەن (نەزەرىيەۋى بىلىم) قاتارلىق ۋاسىتىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.
نۆۋەتتە، سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزى شۇغۇللىنۋاتقان سەنئەت كەسپى (ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، دىراما - تىياتىر ۋە كىنو - فىلىملەردە رول ئېلىش قاتارلىقلار) دە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتىپلا قالماستىن، يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ تۈرلۈك پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىشى، بولۇپمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن - تېخنىكىلارنى ياخشى ئىگىلىشى، بىر - ئىككى خىل چەت ئەل تىلىنى بىلىشى تەلەپ قىلىنماقتا. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا قېرىنداش مىللەت سەنئەتكارلىرى، ھەتتا خەلقئاراغا تونۇلغانلىرىمۇ بەس - بەستە ئالىي دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆگەنمەكتە ۋە شۇ بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى پۇختىلاش تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىنتىلمەكتە. دەۋرنىڭ قەدىمىگە ماس ھالدا ئىنتېرنېت تورىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۇنيادىكى كەسىپداشلار بىلەن پىكىرلەشمەكتە ۋە ئىزدەنمەكتە. ئۇلار بۇ خىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى ۋە ئورنىنى بالداقمۇ - بالداق يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سەنئەت مەكتەپلىرىدە بولسا دەرسنى ئۆلۈك يادلاتقۇزىدىغان، تەربىيەلىگۈچىلەر تەربىيەلەنگۈچىلەرنىڭ مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى بوغۇپ قويغانلىقتىن تەربىيەلەنگۈچىلەر نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرەلمەيدىغان، يېڭى بىلىم ساھەسىنى ئاچالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى چەت ئەل تىلى تۇرماق دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىدىمۇ ئۆزى ئورۇنلاۋاتقان نومۇرنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. مەسىلەن: چەت ئەللەرنىڭ ياكى قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قايغۇلۇق مەزمۇندىكى ناخشىلىرىنى ھىجىيىپ تۇرۇپ ئېيتىش، ئۇسسۇلنى مۇزىكا ياكى ناخشىنىڭ تېكىستى بىلەن باغلىماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قارىغۇلارچە ئۆگىنىپ سەھنىدە ئورۇنلايدۇ، بۇنداق نومۇرلار تاماشىبىنلارغا ياخشى تەسىر بېرەلىشى مۇمكىنمۇ؟ دېمەك، سەنئەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولىدىكەن، چوقۇم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلماسلىقى كېرەك. مېنىڭچە، بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى ۋە زامانىۋى بىلىملەر بىلەن قوراللانغان ئىقتىدارلىق سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەپ چىقىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى سەنئەت مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كۈتۈپخانىدىن ئىبارەت مەركىزىي »دەرسخانا« دىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تەربىيەلىنىۋاتقان كەلگۈسى سەنئەتكارلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز ئىگىلەش ھەمدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى پۇختىلاپ تۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىش كېرەك. كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ‹ھۆججەت - ماتېرىياللارنى ئىزدەش ۋە پايدىلىنىش دەرسى› نى تەسىس قىلىپ، ‹ھۆججەت - ماتېرىياللار ئۇچۇر ئامبىرى›ىڭ ئاچقۇچىنى ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ، كىتاب، ھۆججەت، ئۇچۇر دېڭىزىغا چۆكۈپ ئىزدىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. سەنئەت ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۈتۈپخانىلىرى ماتېرىيال ۋە قۇرۇلما جەھەتتە باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭكىگە يەتمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىزچىل ھالدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ كەلمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، سەنئەتكارلارنىڭ كۈتۈپخانىدىن پايدىلىنىشى يەنىلا باشقا ساھەدىكىلەردىن كۆرۈنەرلىك ھالدا ئارقىدا تۇرماقتا.
نۆۋەتتە ، بىر قىسىم سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ »مەن كەسىپ ئوقۇتقۇچىسى، ئوقۇغۇچىلارغا كەسىپنى ئۆگەتسەملا بولدى« دېگەندەك كۆز قاراش بىلەن ئۆز بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاشقا سەل قارىشى ھەم ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇ جەھەتتە ئىدىيەۋى خىزمەت ۋە تەربىيە ئېلىپ بارماسلىقى، شۇنداقلا سەنئەت كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىمۇ »مەن كەسپىمنى ئۆگەنسەملا بولدى، كەسىپ ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلگەنمەن، باشقا پەنلەرنى ئۆگىنىشىم ھاجەتسىز« دېگەندەك خاتا كۆز قاراشلارنىڭ بولۇشى سەۋەبىدىن، كۆپ ساندىكى سەنئەتكارلىرىمىز، ھەتتا كەسپىي جەھەتتە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن، ئاز - تولا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن سەنئەتكارلىرىمىزمۇ ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەشكە سەل قارىغانلىقتىن، بىلىم سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. مەسىلەن: بىز دائىم دېگۈدەك تېلېۋىزورلاردا سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ مۇخبىر ۋە دېكتور - رىياسەتچىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش جەريانلىرىنى كۆرگىنىمىزدە، سورالغان سوئاللارغا بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلىساق ھەيران قالىمىز، چۈنكى سورالغان سوئال بىلەن بېرىلگەن جاۋاب قىلچە ماس كەلمەيدۇ. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىنلا، بالىلارچە ۋەدە بېرىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ كەمتۈكلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
نۆۋەتتە، ئېلىمىز ئالىي مائارىپ تەربىيەسى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ‹ئوقۇتقۇچى نوپۇزى› دىن ‹ئۆزى ئوقۇش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش› كە يۈزلىنىش؛ ‹ۋارىسلىق قىلىش شەكلى› دىن ‹ئۆزلەشتۈرۈش شەكلى› گە يۈزلىنىش؛ ‹مەجبۇرىي ئەستە قالدۇرۇش› تىن ‹ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش› قا يۈزلىنىش؛ ‹ئوقۇتۇش بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئۆزئارا ئايرىلىپ كېتىش› تىن ‹ئوقۇتۇش بىلەن ئىلمىي تەتقىقات ئۆزئارا سىڭىشىپ كېتىش› كە يۈزلىنىش؛ ‹يەككە پەن بويىچە مۇتەخەسسىسلىشىش› تىن ‹بىرگە قادىر، كۆپكە ماھىر› بولۇشقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان ھازىرقى دەۋردە سەنئەت مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈپخانىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ماسلاشماسلىقى سەۋەبلىك ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سەنئەت مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى سەنئەت ماھارىتىنى ئىگىلەشكىلا بېرىلىپ، كۈتۈپخانىغا كىرىپ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئومۇمىي بىلىم ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەل قاراۋاتىدۇ.
ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ئۇنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە ئۇچۇر يەتكۈزۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى يەنى مەركىزى دەرسخانىنىڭ رولى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەقسىتى ئىختىساس ئىگىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرى چوقۇم پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان تۈركۈملىگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا زىچ ماسلىشىشى كېرەك.
ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئىبارەت مەركىزىي دەرسخانىنىڭ تەربىيە خاراكتېرى ھەربىر كىتابتىن پايدىلىنىپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئوقۇرمەنلەرنى ئۇچۇر ۋە بىلىم ئىگىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدىنىپ »ئوقۇرمەن ئۈچۈن كىتاب ئىزدەش، كىتاب ئۈچۈن ئوقۇرمەن ئىزدەش« خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كۈتۈپخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتىدۇر.
ئالىي مەكتەپ كۈتۈپخانىلىرىغا قارىتا كىشىلەردە تۈرلۈك قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ »ئىككىنچى دەرسخانىسى« دېيىشىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا ‹ئوقۇتۇشتىكى قوشۇمچە ئورگان›........دېيىشىدۇ. ئەگەر يېڭى ئۆلچەم بويىچە ئېيتساق، ئۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەركىزىي دەرسخانىسى بولۇشى كېرەك. يولداش گومورو خېلى ئىلگىرىلا »كۈتۈپخانىنى ياخشى باشقۇرۇش مەكتەپنىڭ يېرىمىنى ياخشى باشقۇرغانغا باراۋەر« دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇ باھا كۈتۈپخانىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردىكى رولى ۋە ئورنىغا نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭقۇر تونۇش ۋە ئىنتايىن يۇقىرى باھادۇر.
يۇقىرىقى مەزمۇنلاردىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەرقانداق بىر سەنئەتكار ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرىمەن، خەلقنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان سەنئەتكار بولىمەن، ئۆز كەسپىمدە پۇختا ئاساس سالىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە چوڭقۇر چۆكۈش بىلەن بىرگە، يەنە كىتابىي بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا بېرىش ئادىتىنى ھەم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.
كۈتۈپخانا بىلىم ئالغۇچىلار، ئىزدەنگۈچىلەر، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار، قىسقىسى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى سۆيىدىغان بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشى، شۇنداقلا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ سەنئەت مەكتەپلىرىدىكى كۈتۈپخانىلار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپتە پىشقان ھەم بىلىم ساپاسى يۇقىرى بولغان سەنئەتكارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ