قىزلار تەربىيەسى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

0 2012-05-10 11:17:21   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاياللار ئانا بولالىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلۇغ ئەمەس، بەلكى ئانا بولغاندىن تارتىپ، پەرزەنتىنى قانداق تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇش، ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئانىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا نىشان بولۇۋاتقان تەرەپلەردۇر. ئەنە شۇنداق قىلالىغان ئانا »ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك، بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ« دېگەن ئۇلۇغ باھاغا مۇيەسسەر بولالايدۇ. ئانىلار بىرەر ئائىلىنىڭلا ئەمەس، ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئانىسى. ئەگەر ئادەمنىڭ يارىتىلىشىنى ياراتقۇچىدىن دېسەك، ئۇنداقتا ئۇنىڭ يارىتىلىشى ئانىدىن بولىدۇ، دېيىش ھەقىقەتتۇر. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ تۇنجى ۋە ئۆمۈرلۈك مۇئەللىمى ئانىدۇر. ئاخىرقى ھېسابتا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسى، گۈللىنىشى ياكى خاراپ بولىشى ئانىغا باغلىقتۇر. چۈنكى ئانىلارنىڭ ئادەم، تۇرمۇش، مىللەت، دۇنيا ۋە ھايات توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى، ئەخلاقىي قاراشلىرى ۋە شۇ ئانا تەۋە بولغان مىللەتنىڭ ھەر خىل مەدەنىي ئالاھىدىلىكلىرى ئۇنىڭ تەربىيەسى ئارقىلىق بالىلارغا سىڭىدۇ. نەتىجىدە ئانىلار شۇ ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەتىنى ئۇلايدۇ، مىللىي مەنىۋىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ئاياللاردىكى پەزىلەت سەۋىيەسى، ساپا سەۋىيەسى ۋە ئەخلاقى سۈپەت تېگى - تەكتىدىن ئالغاندا، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت - ساپا سۈپىتى ۋە ئەخلاق سەۋىيەسى سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.
      ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيتىنى يۇقىرىقى نۇقتىلاردىن تونۇپ ئۆزىنى بىلەلەيدىغان ئانىلاردىن بىزدە زادى قانچىلىكى بار؟
      ھازىرقى رېئال تۇرمۇشتىن قارىغاندا جەمئىيىتىمىزدە خېلى كۆپ قىسىم ئانىلار ئويغانغان بولسىمۇ، لېكىن تۇغۇپ قويۇشنىلابىلىپ، تەربىيەلەش بىلەن كارى بولمايدىغان، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئىنتايىن تۆۋەن، ئىلمىي پەرزەنت تەربىيەلەش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز نادان ئانىلار يەنىلا كۆپ. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسى، ئويۇن - تاماشاسى بىلەن بەنت، يەنە بىر قىسمى ساۋاتسىزلىقى تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىگە بىرەر ياخشى چۆچەك ئېيتىپ بېرەلمەي، ئۇلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ئەسلىدىلا ئۇلار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك مەنىۋى ئوزۇقتىن بەھرىمەن قىلالمايۋاتىدۇ.
      دەۋرىمىزگە چىن ئىخلاسى بىلەن ۋەتەن،  مىللەت ئۈچۈن غايىلىك، ئەخلاقلىق، ئىقتىدارلىق پەرزەنت تەربىيەلەپ چىقىشتەك مۇقەددەس بۇرچ ئوتىدا بىر ئۆمۈر كۆيۈشنى پەرز ۋە ۋىجدانىي قەرز دەپ بىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئانىلىق روھىغا ئىگە ھەقىقىي ئانىلار كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆتكۈنچى دۇنيانىڭ ھوزۇر - ھالاۋەتلىرىدىن كۆپرەك بەھىرلىنىۋېلىش كويىدا يۈرىدىغان روھىي دۇنياسى قۇرۇق تەجرىبىسىز، ناباب ئانىلارنىڭ كېرىكى يوق. بۇنداقلارنىڭ ۋۇجۇدى ئالىبۇرۇن يىگىلەپ، ئۆزنىڭ قەدىر - قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ، ئۇلارغا جىگەر پارىلىرى، سەبىي پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىنى چىقىرىش، ئۇلار بىلەن ئانىلىق مېھرى ۋە مەسئۇلىيىتى ئاساسىدا سىردىشىپ خۇشاللىقىغا ئورتاقلىشىش، ئوي - پىكرىنى چۈشىنىشكە ئېتىبار بەرمەيدۇ ھەم بۇلارغا چولىسى تەگمەيدۇ. بىچارە بالىلار تورخانا، تېلىۋىزور ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشمە مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، ئائىلە قىسمەن بالىلار ئۈچۈن بىر قونالغۇ ياتاق بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئادەتلىرىمىزگە يات بولغان شەخسىيەتچىلىك، رەھىمسىزلىك بىلەن ياشاش قاراشلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىق خاھىشلىرى ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئىگىلەپ كىتىدۇ، بۇ يۈزلىنىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئادەمنى تولىمۇ چۆچىتىدۇ.
      يەنە قارايدىغان بولساق، ئەنئەنە تەربىيەنى قوبۇل قىلىشى كۈچلۈك بولمىغان، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى بىلمەيدىغان، قازان بېشىغا يىقىن يولاشتىن قاچىدىغان ئانىلار كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ، مانا مۇشۇنداق بەزى ئانىلارنىڭ ئۇلاردىنمۇ بەتتەررەك ئائىلە ئىشلىرىغا كاج، غەربچە رومانتىك تۇرمۇشقا جان - تېنى بىلەن ھەۋەس قىلىدىغان، قازان بېشىنى ئۇقمايدىغان قىزلىرى ھازىر چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى بىپەرۋالىقى، تەييارتاپلىقى بىزنى چوقۇم چۆچۈتىشى كېرەكىدى. ئەمما، بىر قىسىم ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە چېتىلىدىغان بۇ مەسىلىگە سەل قارىماقتا، نۇرغۇن ئائىلە پاجىئەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا، مەسئۇلىيىتىنى بىجا كەلتۈرمەكتە يوق، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن باش تارتماقتا. يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ تويىدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا تاماق يەپ ئولتۇرغان، ياش، ناھايىتى سالاپەتلىك، چىرايلىق بىر ئانىنىڭ ئېغىزىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ۋە ئەنسىرىگەن ھالدا ئېيتقان مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھەيران قالدىم. ئۇ ئانا »قىزىم بەك چىرايلىق چوڭ بولدى، بەك ئاۋايلاپ، كۆڭلىنى ئاياپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئائىلە ئىشلىرىغا ئۈگەتمىگەنىدىم، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىندى، كىيىم - كېچەكلىرىنى قانداق يۇيۇپ كىيەر، ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ تامىقىنى ئېلىپ يېيەلەۋاتامدىغاندۇ؟ دەپ بەك ئەنسىرەپ كىتىۋاتىمەن« دېگەنىدى، ئەتراپتىكىلەر بىر - بىرىمىزگە قارىشىپلا قالغانىدۇق. ئەلۋەتتە، ئۇ ئانىنىڭ گېپىنى قوللايدىغانلارمۇ چىققانىدى. ئاڭلىماققا بۇ ئاددىي گەپتەك قىلغىنى بىلەن، ناھايىتى چوڭقۇر مەزمۇننى، ئىككى دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئانىلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى، پەرزەنت تەربىيەلەش جەھەتتىكى قاراشلىرىنى، پەرزەنتكە نېمىلەرنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى، نېمىنىڭ زۆرۈر ئەمەسلىكىنىڭ دەۋرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئانىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە قانداق ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. دېمەك، ئانىلىرىمىز قىزلىرىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىشتىن ئۆگەتمەسلىككە يۈزلەنگەن، بويىغا يېتىپ قالغان بەزى قىزلار ھەتتا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنىمۇ يۇيۇپ كىيىشنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. توي قىلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر تونۇشۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ بىر قىيىن سىڭلىسى بار بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنى زادىلا بىلمەيدىكەن. قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىدىكەن، قىزىنىڭ ئاياغلىرىنى سۈرتۈپ، قەلىمىگە سىياھ ئىچۈرۈپ، ۋېلسىپىتىگە يەل ئۇرۇپ بېرىدىكەن. مانا مۇشۇنداق قىزلار كەلگۈسىدە ئانا بولىدۇ، ئەمما ئۇلاردا ئانا بولۇشقا، پەرزەنت تەربىيەلەشكە نىسبەتەن ھېچقانداق تەييارلىق يوق، ئۇلار ئانا بولۇشقا تېگىشلىك ساپانى يېتىلدۈرمىگەن. يەنە تەكىتلىسەك يامان كەتمەيدۇكى، قىزلار مەيلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسۇن ياكى ماگىستىر، دوكتور بولۇپ كەتسۇن، خىزمەت ۋە تەتقىقاتتا قانچىلىك دەۋر بۆلگۈچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمىسۇن، ئۇ ئاخىرى بېرىپ يەنە ئانا بولىدۇ، تۇرمۇش قاينىمىغا چۆكىدۇ، پەرزەنتلىك بولىدۇ، ئائىلىنىڭ ئىسسىق - سوغۇقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۆي تۇتۇش، تۇرمۇشتا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلالىشى، تاماقنى ئوخشۇتۇپ ئېتەلىشى، بالىسىنى باقالىشى كىرەك. قىزلارنىڭ تاماق ئېتىشنى بىلىشىنىڭ ھېكمىتى شۇكى، تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزى بىلىپ - بىلمەي تائام مەدەنىيەتىمىزنى ئۆزى قول سېلىپ يارىتالايدۇ؛ قولى چىۋەرلىكىدىن باشقىلارنىڭ ماختىشى ئارقىلىق ئۆز ئەمگىكىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىشقا ئىرىشكەنلىكىدىن چەكسىز شادلىققا چۆمىدۇ، بۇ سالامەتلىككە بىۋاسىتە پايدىلىق؛ تاماق ئېتىش جەريانىدىكى ھەرىكەت ۋە مېڭىنى چاقماق تېزلىكىدە ئىشلىتىش قىزلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ھەرىكەت پائالىيىتى بولۇپ، بۇ ئادەم ئورگانىزمىنىڭ زەئىپلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئىنتايىن ئەپچىل ئۇسۇلدۇر؛ ئۇنىڭدىن باشقىمۇ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى قىزلار تاماق ئېتىشنى بىلىپ، ئۆيدە تاماق ئەتكەندە ئىقتىساد قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھىكمەتلىرىنى بۇ يەردە دېمىسەكمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى بىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ئىشقىلىپ ئۆي ئىشلىرىغا پىشقان، قولى چىۋەر، تاماق ئېتىشكە ئۇستا قىزنىڭ قىزلارغا خاس جۇلا ھەم ئەدەپ - ئەخلاق، سىپايىلىكتە يېتىلگەن قىز بولۇشىدا گەپ يوق. شۇنداق بولغاندىلا قىزلاردا ئاياللارغا خاس نازاكەت، ئانىلارغا خاس مېھرىبانلىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ ھەم ئادىمىيلىك پەزىلەتمۇ شۇنىڭدىن ئاستا - ئاستا يېتىلىپ بارىدۇ.
     ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە ئەنە شۇ ئۇلۇغلۇق نامىغا داغ چۈشۈرۈۋاتقان، ‹ئانا› لىق تونىغا ئورۇنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ، پەرزەنتلەرنى شارائىتى يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ يېتەرلىك تەربىيەلىمەيدىغان ئانىلىرىمىز بارغانچە كۆپىيىپ كەتتى. ئەخلاقسىز ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋاتقان، جەمئىيەت ۋە ئائىلىگە يۈك بولۇپ قېلىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۆپىيىپ كېتىشى مانا مۇشۇ پىكرىمىزنىڭ روشەن دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. نېمىشقا مۇشۇنداق بالىلار تەربىيەلىنىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ مەسىلىنىڭ تۈگۈنى زادى قەيەردە؟ بۇ مەسئۇلىيەت ئالدى بىلەن ئانىدىن سۈرۈشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك. چۈنكى ئانا پەرزەنتنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، ئانا ئەخلاق - پەزىلەتتە ياخشى ئۈلگە بولغاندىلا، ئاندىن پەرزەنتىنى جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك قىزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. بەزىدە ياخشى ئانىلارنىڭ پەرزەنتىنى زىيادە ئەركىلىتىۋېتىشىمۇ، ئۇلارنىڭ يامان يولغا مېڭىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قىزلارغا بولغان ئەخلاق تەربىيەسىنى ئائىلىدىن، يەسلى مائارىپىدىن، باشلانغۇچ مائارىپىدىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن تېخىمۇ بوشاشماي چوڭقۇرلاپ ئېلىپ بىرىش كېرەك. قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك تەرىپى شۇكى، بۇلار ئىچىدىكى بىرەر ھالقىنىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولماسلىقنى شەرت قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەم ئىنچىكە ئېلىپ بېرىش كېرەك، يەنى بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئائىلە تەربىيەسىنى ئاساس قىلىش كىرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر