2011 - يىلى رۇسىيە 250 مىڭ توننا شېكەر ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىغان

0 2012-05-10 11:14:23   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      رۇسىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋېكتور زۇبكوۋ 13 - نۆۋەتلىك رۇسىيە يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى »ئالتۇن كۈز« نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا 2011 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان بىر يىلدا رۇسىيەنىڭ 250 مىڭ توننا شېكەر ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
      ۋېكتور زۇبكوۋ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ‹2011 - يىلى رۇسىيە تۇنجى قېتىم شېكەر ئېكسپورتىنى يولغا قويىدۇ، نۆۋەتتە 50 مىڭ توننا شېكەرنى ئېكسپورت قىلىپ بولدى. ئىشلار جايىدا بولسا، بۇ يىل تېرىقچىلىقتا 7 تۈرلۈك رېكورت يارىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 4 ى مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتىكىسى، 3 ى ئېكسپورت مىقدارى جەھەتتىكىسى›.
      ۋېكتور زۇبكوۋنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قىزىلچىدىن 40 مىليون توننا مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن، ئاپتاپپەرەستىن 8 مىليون توننا، دادۇردىن 1 مىليون 450 مىڭ توننىدىن ئارتۇق مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە قىچىدىن تەخمىنەن 1 مىليون 100 مىڭ توننا مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن.
      ۋېكتور زۇبكوۋ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2011 - يىلى ئاپتاپپەرەس مېيى ئېكسپورت مىقدارى %25 ئېشىپ، 500 توننىغا يېتىدىكەن، 9 - ئايدا ئاشلىق ئېكسپورتى 3 مىليون800مىڭ توننىغا يەتكەنىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博