رۇسىيە 2018 - يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان شەھەردىن ئىككىنى قىسقارتتى

0 2012-05-08 15:30:46   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      رۇسىيە تەنتەربىيە، ساياھەت ۋە ياشلار ئىشلىرى مىنىستىرى مۇتىكو 2011 - يىلى 11 - ئۆكتەبىر رۇسىيەنىڭ 2018 - يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شەھەرنى 13 تىن 11 گە، پۇتبول مەيدانىنى 16 دىن 12 گە ئازايتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رۇسىيە 2018 - يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى رۇسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شەھەردىن ئىككىنى قىسقارتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
      خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى رۇسىيەنىڭ 2018 - يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى، تەشكىلىي كومىتېتنىڭ داۋاملىق ھازىرقىدەك خىزمەت قىزغىنلىقىنى ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر