سامسوڭ قۇرۇلۇش شىركىتى، SG قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە زامانىۋى قۇرۇلۇش شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كورىيەنىڭ قۇرۇلۇش شىركىتى گۇرۇھى 2011 - يىلى 8 - ئاينىڭ 42 - كۈنى ئۆزبېكىستان بىلەن كورىيە شىركىتى شېرىكلىشىپ قۇرغان كارخانا rokzU تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت شىركىتىنىڭ قىممىتى 2 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كېلىشىمدە ئۆبېكىستاندا ئالدىن ئېلان قىلىنغان تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت بىرلەشمە گەۋدىسى تۈرىنى تۇرغۇزۇش پىلانلاندى.
مەزكۇر تۈر ligruS تەبىئىي گازلىقىنى ئېچىش ۋە truytsU تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت بىرلەشمە گەۋدىسىنى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ligruS تەبىئىي گازلىقىدا 120 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بار. خىمىيە سانائەت بىرلەشمە گەۋدىسى تەبىئىي گاز ئايرىش ئۈسكۈنىسى ۋە يىلىغا 400 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. rokzU تەبىئىي گاز خىمىيە سانائەت شىركىتىنىڭ پايچېكلىرى ئۆزبېكىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت - تەبىئىي گاز شىركىتى، كورىيە يېقىلغۇ گاز شىركىتى، خۇنەن ئۆلكىلىك نېفىت خىمىيە ۋە XTS ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئىبارەت.
ھەمبەھىرلىنىڭ