2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يوللاش تورى ۋە IPAT تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەم تىجارەت باشقۇرۇشىغا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مېدۋېدېۋ شۇ كۈنى تاجىكىستان، رۇسىيە، ئافغانىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق تۆت دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يۇقىرىقىلارنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار دۆلەتلەر رۇسىيە تەرەپنى يۇقىرىقى تۈرگە قاتنىشىشقا رەسمىي تەكلىپ قىلىدىغانلا بولسا، رۇسىيە تەرەپ بۇ تۈرلەر ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە نەچچە يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالىدۇ.
نۆۋەتتە قۇرۇلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە يوللاش تورى ئارقىلىق قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئېشىنچا ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا يوللىغىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ھالبۇكى، IPAT تەبىئىي گاز يوللاش تۇرۇبىسى ئارقىلىق بولسا تۈركمەنىستاننىڭ تەبىئىي گېزىنى ئافغانىستان، پاكىستان ۋە ھىندىستانغا يوللىغىلى بولىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ