2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رۇسىيەنىڭ موسكۋا ئوبلاستى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
رۇسىيە موسكۋا ئوبلاستىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: »بىز جۇڭگو كارخانىلىرىنى رۇسىيە كارخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە تۈجۈپىلەپ پىششىقلاش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمىز ھەمدە يېنىك سانائەت، يېمەكلىك پىششىقلاش، شۇنداقلا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئۆي جاھازلىرى ۋە باشقا ياغاچ بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىمىز«. ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىمدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رۇسىيە بازىرىغا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، رۇسىيە تەرەپ يەرمەنكە سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن تېخنىكىلىق ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە تەرەپ يەنە ھەرقانداق ساھەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، جۇڭگو ۋە رۇسىيەگە پايدىلىق بولغان ھەرقانداق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ