قىرغىزىستان رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلدى

0 2012-04-28 11:38:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    2011- يىلى 1 - سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن، ‹قىرغىزىستان ھازىرقى زامان داڭلىق رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى› ‹ياۋا ئات› سەنئەت سارىيىدا ئېچىلدى. قىرغىزىستاننىڭ زۇڭتۇڭى روزا ئوتۇنبايېۋا لېنتا كېسىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قىرغىزىستان رەسساملىرىنىڭ ماي بوياق ئەسەرلىرىدىن 54 ى قويۇلدى.
      شۇ كۈنى ‹بۈركۈت قەبىلىسىدىكى قىرغىزلار›ۋە ‹چىن جىفىڭنىڭ قىرغىزىستاندىكى سەككىز كۈنلۈك تەسىراتى توغرىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى› بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلدى. بۇ فوتو ئەسەرلەر 25- سىنتەبىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكېك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹جۇڭگو شىنجاڭ  - قىرغىزىستان مەدەنىيەت ھەپتىلىكى› پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر