تۈركمەنىستان دۆلەتلىك تاۋار - خام ئەشيا بېرژىسىدا چەت ئەللىك سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تۈركمەنىستان يېقىلغۇ - ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا نىسبەتەن ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشماقتا.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئافغانىستان، ئۆزبېكىستان ۋە سېيشېلدىن كەلگەن سودىگەرلەر ئاساسەن تۈركمەنباش نېفىت پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان 80-A ئاپتوموبىل بېنزىنى، ئاۋىئاتسىيە كىرسىنى، سانائەت كىرسىنى، سۇيۇقلاشتۇرۇلغان گاز ۋە سانائەت گۈڭگۈرتىنى سېتىۋالىدۇ، ئافغانىستانلىق سودىگەرلەر يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە سەئىدكىنسك نېفىت ئايرىش زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان دىزېل مېيىنى كۆپ مىقداردا سېتىۋالىدۇ. رۇسىيە، شۋېتسارىيە، بېلگىيە ۋە لىچتېنشتېيندىن كەلگەن سودىگەرلەر ئاساسلىقى پاختا يىپ ۋە ساپ پاختا سېتىۋالىدۇ. دۆلەتلىك تاۋار - خام ئەشيا بېرژىسىنىڭ بۇندىن سەل ئىلگىرىكى سودىلىشىش كۈنىدە جەمئىي 39 توختام ئىمزالانغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 48 مىليون700 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.
نۆۋەتتە، تۈركمەنىستاننىڭ مانات ھېسابات سوممىسى جەمئىي15مىليون 400 مىڭ ماناتقا يەتكەن بولۇپ، سېتىۋالغۇچىلار ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندىستان، ئافغانىستان، سىپرۇس، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، مولدوۋا ۋە ئېستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن. ئۇلار قىزىقىدىغان تاۋارلار ئاساسلىقى پاختا يىپ، قاراقۇم قوي يۇڭى، چىگىت مېيى تىرىپى، پارچە جىڭلىنىدىغان شاكىلات ۋە كىر سوپۇندىن ئىبارەت.
ھەمبەھىرلىنىڭ