ئەنگىلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى قىلغان خەۋرىگە قارىغاندا ، سىز چوقۇم تۆۋەندىكى بۇ كۆينەكنى پەقەت مودا كىيىم ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى T شەكىللىك سەھنىدىلا كۆرەلەيسىز ، لېكىن بۇ پەقەت ئەنگىلىيىدىكى ئەيسىدا تاللا دۇككىنىنىڭ ئەتىرگۈلنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن لايىھىلىگۈچىنى تەكلىپ قىلىپ ياساتقان بىر ئەسىرى . ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ، بۇ تاللا دۇكىنى 23 ياشلىق گۈللەر لايىھىلىگۈچىسى نى تەكلىپ قىلىپ 160 سائەتتە ، 1725 تال قىزىل ئەتىرگۈل بىلەن بىر سەنئەت ئەسىرى ياسىغۇزدى . دۇككاننىڭ خوجايىنى بۇ كۆينەكنى ياساتقۇزۇش ئارقىلىق ئەر - ئاياللارنىڭ ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمىدا كۆڭلىدىكى ئادىمىگە چىرايلىق گۈل سوۋغات قىلىشنى ئەسلىتىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەن .
لايىھىلىگۈچى 1725 تال قىزىل ئەتىرگۈلنى ئىشلىتىپ كۆينەك ياسىد...
ئوبامانى موللاق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن 100مىليون دوللار بەرگەن بايلا...
ئوبامانى موللاق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن 100مىليون دوللار بەرگەن بايلا...
ئوبامانى موللاق ئاتقۇزۇش ئۈچۈن 100مىليون دوللار بەرگەن بايلا...
ئارگېنتىنا ئەنگىلىيەنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەر...