ئارگېنتىنا بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى سۈركىلىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا يۆتكىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى كىرىستىنا فېرناندېز، ئەنگلىيەنىڭ رايوننى مىلىتانلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، لوندون ئۈستىدىن ب د ت غا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.فېرناندېز، پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە بايانات بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ مالۋىناس تاقىم ئاراللىرى ئۇرۇشىنىڭ 30- يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە بۇنىڭ ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپى تەشكىل قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.ئەنگلىيەنىڭ ئىككىنچى تەخت ۋارىسى شاھزادە ۋىليېمنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا ئەۋەتىشىنىمۇ ئەيىبلىگەن فېرناندېز، «شاھزادىنى ئەسكەر فورمىسى ئىچىدە ئەمەس، پۇقراچە كىيىنگەن ھالدا كۆرۈشنى خالايتتۇق» دېدى.
فېرناندېز، ئارگېنتىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ، ئەنگلىيەنى ھەم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ھەم ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.ئارگېنتىنالىقلارنىڭ دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئاراللارنى قايتۇرىۋېلىش مەسىلىسى بويىچە بىرلەشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان فېرناندېز، «بىز ئۇرۇشلارنىڭ، ھەربىي مانېۋىرلارنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتۇق»» دېيىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى دېيۋىد كەمېروننى تىنچلىقنى قوللاشقا چاقىردى.ئارگېنتىنا، ئەنگلىيەنىڭ 180 يىل مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىككى دۆلەت، نېفىت زاپىسى يۈزىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئاراللارنى تالىشىپ 1982- يىلى ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشتا 649 ئارگىنتىنالىق بىلەن 257 ئەنگلىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ھەمبەھىرلىنىڭ