ئۈچ ئاچا-سىڭىل كۆكسى ۋە بالىياتقۇسىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى

0 2012-02-02 12:59:00   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 31-يانۋار تېلېگراممىسى يېقىندا ئەنگلىيەنىڭ (Nuneaton)شەھىرىدىن كەلگەن ئۈچ ئاچا-سىڭىل بەدىنىدە سۈت بېزى راكىنى ئاسان يۇقتۇرغۇچى گېننى ئېلىپ يۈرگەنلىكتىن، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرەپ، قەتئىي ھالدا ئەمچىكىنى كېسىپ ئېلىۋەتتى.
ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 38 ياشلىق Luan Moreton ۋە 33ياشلىقKim Jones  ۋە 30ياشلىق Jemma Dennis)بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارمۇ ئانىسىغا ئوخشاش ئوڭايلا راك كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدىغان گېننى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردىن ئىكەن.
   ئەمدىلىكتە ئۇلارغا %50 ~%60گىچە بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇقتۇرۇلغاچقا، Moreton ۋە Jones  يېقىندا يەنە بالياتقۇسىنىمۇ كەستۈرۈۋەتتى، Dennis تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن ئوپېراتسىيە قىلدۇرماقچى.
   ئۈچ ئاچا-سىڭىل كىچىك ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئانىسى سۈت بېزى راكى بىلەن 32يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.  ئۇلار باشقا ئاياللارنىمۇ بالدۇرراق سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، مۇداپىئە خاراكتېرلىك ئوپېراتسىيىلەرنى قىلدۇرۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博