ئوباما تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك قوماندان نامزاتىنى كۆرسەتتى

0 2011-12-30 10:41:09   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   شىنخۇا تورىنىڭ12-ئاينىڭ28-كۈنى ۋاشىنگتوندىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى:ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى تارمىقى 28-چېسلا ئوباما زوڭتۇڭنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى Samuel locke Montreal نىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
   ئۇ 1954-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.ئۇ ھازىر ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى ،ئامېرىكىنىڭ ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى،شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيەنىڭ نېئاپولدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ئىدى. ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيىگە يۈرگۈزگەن ھەربىي يۈرۈشىدە كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.
   ئەگەر بۇ قېتىملىق نامزات كۆرسىتىش كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ،ئۇ Robert Willard نىڭ ئورنىغا چىقىپ،يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى بولۇپ قالىدىكەن. 2009-يىلى 10-ئايدا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ يەتتىنچى  ئېسكادراسىنىڭ قوماندانى،دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،تىنچ ئوكيان ئېسكادراسىنىڭ قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى  ئۆتىگەن.

   ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابى ئامېرىكىنىڭ يەرشارىدىكى ئالتە چوڭ ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانلىق شىتابى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قوماندانلىق شىتابى ھېسابلىنىدۇ.قول ئاستىدىكى ھەربىي ۋە باشقا مەمۇرىي خادىملار 325مىڭ نەپەرگە يېتىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博