روسىيە موسكىۋا 23-چىسلا تېلىگراممىسى:روسىيە ھەربىي تەرەپ 23-چىسلا غەربىي شىمال قىسمىدىكى پېلېسېستىك قويۇپ بېرىش بازىسىدا ‹‹مېردىئان››ناملىق بىر ھەربىي ۋە خەلقتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولغا ئىشلىتىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھنى ھاۋا بوشلۇقىغا قويۇپ بەرگەن.ئەمما توشۇغۇچى راكىتادا ئۇچۇش جەريانىدا توسالغۇ كۆرۈلگەچكە مەزكۇر سۈنئىي ھەمراھ يەر شارىنى ئايلىدىغان بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا يېتىپ بارالمىغان.
روسىيە تاسسىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،بۇ سۈنئىي ھەمراھقا روسىيە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش قىسمى مەسئۇل بولۇپ قويۇپ بەرگەن ،بۇ سۈنئىي ھەمراھنى ئېلىپ ماڭغان راكىتا بولسا ‹‹ئىتتىپاق -2.1b››تىپلىق راكىتا ئىكەن.نۆۋەتتە ئېرىشكەن دەسلەپكى قەدەمدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،راكىتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ ئايرىلىپ كېتىشتىن بۇرۇن،راكىتانىڭ 3-دەرىجىلىك قوزغاتقۇچىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ،‹‹مېردىئان››ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا يېتىپ بارالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان،روسىيىنىڭ ئاۋىتئاسىيە ئىشلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كاشىلا چىققان.8-ئايدا روسىيىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلات ئالاقىلىشىش سۈنئىي ھەمراھى‹‹تېز پويىز-AM4››بىلەن‹‹ئىلگىرلەش-M-12M››نالىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىشتە مەغلۇپ بولغان.11-ئاينىڭ 9-كۈنى،جۇڭگونىڭ تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى‹‹يالقۇن 1-نومۇر››غا بېسىلغان روسىيىنىڭ‹‹فوربۇس -تۇپراق››تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، روسىيىنىڭ بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئاساسىي قوزغاتقۇچىسى قوزغىلالماي،بۇ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنىڭ يەر شارىغا چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھەمبەھىرلىنىڭ